< تارىخ-تەزكىرە 2 25 >

ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. 1
Amaziah was twenty-five years old when he began to reign, and he reigned twenty-nine years in Jerusalem. His mother’s name was Jehoaddan, of Jerusalem.
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى. 2
He did that which was right in Yahweh’s eyes, but not with a perfect heart.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 3
Now when the kingdom was established to him, he killed his servants who had killed his father the king.
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. 4
But he didn’t put their children to death, but did according to that which is written in the law in the book of Moses, as Yahweh commanded, saying, “The fathers shall not die for the children, neither shall the children die for the fathers; but every man shall die for his own sin.”
ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. 5
Moreover Amaziah gathered Judah together and ordered them according to their fathers’ houses, under captains of thousands and captains of hundreds, even all Judah and Benjamin. He counted them from twenty years old and upward, and found that there were three hundred thousand chosen men, able to go out to war, who could handle spear and shield.
ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى. 6
He also hired one hundred thousand mighty men of valor out of Israel for one hundred talents of silver.
لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس. 7
A man of God came to him, saying, “O king, don’t let the army of Israel go with you, for Yahweh is not with Israel, with all the children of Ephraim.
ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى. 8
But if you will go, take action, and be strong for the battle. God will overthrow you before the enemy; for God has power to help, and to overthrow.”
ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى. 9
Amaziah said to the man of God, “But what shall we do for the hundred talents which I have given to the army of Israel?” The man of God answered, “Yahweh is able to give you much more than this.”
شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 10
Then Amaziah separated them, the army that had come to him out of Ephraim, to go home again. Therefore their anger was greatly kindled against Judah, and they returned home in fierce anger.
ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى. 11
Amaziah took courage, and led his people out and went to the Valley of Salt, and struck ten thousand of the children of Seir.
يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى. 12
The children of Judah carried away ten thousand alive, and brought them to the top of the rock, and threw them down from the top of the rock, so that they all were broken in pieces.
ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى. 13
But the men of the army whom Amaziah sent back, that they should not go with him to battle, fell on the cities of Judah from Samaria even to Beth Horon, and struck of them three thousand, and took much plunder.
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى. 14
Now after Amaziah had come from the slaughter of the Edomites, he brought the gods of the children of Seir, and set them up to be his gods, and bowed down himself before them and burned incense to them.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى. 15
Therefore Yahweh’s anger burned against Amaziah, and he sent to him a prophet who said to him, “Why have you sought after the gods of the people, which have not delivered their own people out of your hand?”
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى. 16
As he talked with him, the king said to him, “Have we made you one of the king’s counselors? Stop! Why should you be struck down?” Then the prophet stopped, and said, “I know that God has determined to destroy you, because you have done this and have not listened to my counsel.”
شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. 17
Then Amaziah king of Judah consulted his advisers, and sent to Joash, the son of Jehoahaz, the son of Jehu, king of Israel, saying, “Come! Let’s look one another in the face.”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. 18
Joash king of Israel sent to Amaziah king of Judah, saying, “The thistle that was in Lebanon sent to the cedar that was in Lebanon, saying, ‘Give your daughter to my son as his wife. Then a wild animal that was in Lebanon passed by and trampled down the thistle.
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». 19
You say to yourself that you have struck Edom; and your heart lifts you up to boast. Now stay at home. Why should you meddle with trouble, that you should fall, even you and Judah with you?’”
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى [يوئاشنىڭ] قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 20
But Amaziah would not listen; for it was of God, that he might deliver them into the hand of their enemies, because they had sought after the gods of Edom.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. 21
So Joash king of Israel went up, and he and Amaziah king of Judah looked one another in the face at Beth Shemesh, which belongs to Judah.
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. 22
Judah was defeated by Israel; so every man fled to his tent.
ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. 23
Joash king of Israel took Amaziah king of Judah, the son of Joash the son of Jehoahaz, at Beth Shemesh and brought him to Jerusalem, and broke down the wall of Jerusalem from the gate of Ephraim to the corner gate, four hundred cubits.
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. 24
He took all the gold and silver, and all the vessels that were found in God’s house with Obed-Edom, and the treasures of the king’s house, and the hostages, and returned to Samaria.
ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 25
Amaziah the son of Joash, king of Judah, lived for fifteen years after the death of Joash, son of Jehoahaz, king of Israel.
ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 26
Now the rest of the acts of Amaziah, first and last, behold, aren’t they written in the book of the kings of Judah and Israel?
ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 27
Now from the time that Amaziah turned away from following Yahweh, they made a conspiracy against him in Jerusalem. He fled to Lachish, but they sent after him to Lachish and killed him there.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. 28
They brought him on horses and buried him with his fathers in the City of Judah.

< تارىخ-تەزكىرە 2 25 >