< تارىخ-تەزكىرە 2 24 >

يوئاش تەختكە چىققان چېغىدا يەتتە ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىياھ بولۇپ، بەئەر-شېبالىق ئىدى. 1
يەھويادا كاھىن ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 2
يەھويادا ئۇنىڭغا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بىرقانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى. 3
شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىتىش نىيىتىگە كەلدى، 4
ئۇ كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدا شەھەرلىرىگە بېرىپ، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار؛ بۇ ئىشنى تېزدىن بېجىرىڭلار! ــ دېدى. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى بېجىرىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى. 5
بۇنى ئۇققان پادىشاھ باش كاھىن يەھويادانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزلىرى نېمىشقا لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باجنى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇمىدىلا؟ ــ دېدى 6
(چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى). 7
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا قويغۇزدى؛ 8
ئاندىن: «خۇدانىڭ قۇلى مۇسا چۆلدە ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن باجنى يىغىپ ئەكىلىپ پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار» دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم تەۋەسىدە چىقىرىلدى. 9
بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى. 10
لاۋىيلار پۇل ساندۇقىنى پادىشاھ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، ئۇلار باج پۇلىنىڭ كۆپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئاندىن پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىننىڭ ئادىمى كېلىپ پۇل ساندۇقىنى ئۆڭتۈرۈپ قۇرۇقدىغاندىن كېيىن، يەنە ئەسلى ئورنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ھەركۈنى شۇنداق بولۇپ تۇردى؛ ناھايىتى كۆپ پۇل يىغىلدى. 11
پادىشاھ بىلەن يەھويادا پۇلنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تاپشۇردى؛ ئۇلار [بۇنىڭ بىلەن] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارنى، تۆمۈرچىلەر بىلەن مىسكەرلەرنى ياللىدى. 12
ئىشلەمچىلەر توختىماي ئىشلىدى، ئوڭشاش ئىشى ئۇلارنىڭ قولىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم-لاھىيەسى بويىچە ياسىدى، شۇنداقلا ئۇنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ ياساپ چىقتى. 13
ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى. 14
يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى. 15
ئۇلار ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە پادىشاھلار قاتارىدا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلغا ھەم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى. 16
يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن يەھۇدادىكى يولباشچىلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئۇلار كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى ماقۇل كۆردى. 17
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشەراھ ۋە بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھى سەۋەبلىك خۇدانىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 18
شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆزىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ بۇ پەيغەمبەرلەر گەرچە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى. 19
ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، ــ دېدى. 20
خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 21
پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى. 22
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالغان پۈتۈن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى دەمەشق پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 23
دەرۋەقە سۇرىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەھۇدالار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار چوڭ بىر قوشۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار يوئاشقا جازا ئىجرا قىلدى. 24
سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. 25
ئۇنى قەستلىگەنلەر مۇنۇلار: ــ ئاممونىي ئايال شىمىياتنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن موئابىي ئايال سىمرىتنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى. 26
يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان قاتتىق ۋە نۇرغۇن ئاگاھ بېشارەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىباشتىن سېلىشقا دائىر ئىشلىرى «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئىزاھلىرىغا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 27

< تارىخ-تەزكىرە 2 24 >