< تارىخ-تەزكىرە 2 23 >

يەتتىنچى يىلى، يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ، يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارىيا، يەھوھاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبەدنىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېياھ ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىشافات قاتارلىق بىرقانچە يۈزبېشىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. 1
ئۇلار يەھۇدا زېمىنىنى ئارىلاپ، يەھۇدادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە ئىسرائىلدىكى چوڭ يولباشچىلارنى يىغدى؛ ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 2
پۈتكۈل جامائەت خۇدانىڭ ئۆيىدە پادىشاھ بىلەن ئەھدىلەشتى. يەھويادا ئۇلارغا: ــ پادىشاھنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغىنىدەك چوقۇم سەلتەنەت قىلىدۇ. 3
مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەرقايسى دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ 4
ئۈچتىن بىرى پادىشاھ ئوردىسىنى، ئۈچتىن بىرى «ئۇل دەرۋازىسى»نى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. 5
لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن. 6
لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى قولىغا قوراللىرىنى ئېلىپ پادىشاھنى ئوراپ تۇرسۇن؛ ئۆز مەيلىچە مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھەركىم ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر پادىشاھ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار، ــ دېدى. 7
لاۋىيلار بىلەن يەھۇدالارنىڭ ھەممىسى كاھىن يەھويادانىڭ بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى. لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى شابات كۈنى نۆۋەتچىلىككە كىرگەن ۋە نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەرنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ قالدى؛ چۈنكى كاھىن يەھويادا ھېچكىمنى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈشكە قويمىدى. 8
ئاندىن يەھويادا كاھىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقان-سىپارلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. 9
ئۇ يەنە كۆپچىلىكنى، ھەربىرى قولىغا ئۆز نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە، قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. 10
ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [خۇشبۇي ماي بىلەن] ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. 11
ئاتالىيا خەلقلەرنىڭ چېپىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە پادىشاھنى تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. 12
ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. 13
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۆلتۈرمەڭلار، دەپ ئېيتقانىدى. 14
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ئۇ ئوردىنىڭ «ئات دەرۋازىسى» بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگەندە [لەشكەرلەر] ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 15
يەھويادا، پۈتكۈل جامائەت ۋە پادىشاھ بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دېگەن بىر ئەھدىنى تۈزۈشتى. 16
ئاندىن بارلىق خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. 17
ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. كاھىنلارنى بولسا، ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا نۆۋەت بىلەن قاراشقا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا داۋۇت تەيىنلىگەنىدى. ئۇلار قۇربانلىقلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە نەغمە-ناۋا ئوقۇغان ھالدا مۇساغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك سۇنۇشقا مەسئۇل ئىدى. 18
[يەھويادا] يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى. 19
ئۇ يەنە يۈزبېشىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلار ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى باشلاپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، «يۇقىرىقى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا ئەكىرىپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. 20
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. 21

< تارىخ-تەزكىرە 2 23 >