< تارىخ-تەزكىرە 2 21 >

يەھوشافات ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى يەھورام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 1
[يەھورامنىڭ] بىرنەچچە ئىنىسى، يەنى يەھوشافاتنىڭ ئازارىيا، يەھىيەل، زەكەرىيا، ئازارىياھۇ، مىكائىل ۋە شەفاتىيا دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 2
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى، شۇنداقلا يەھۇدا زېمىنىدىكى بىرقانچە قورغانلىق شەھەرنى سوۋغا قىلدى؛ پەقەت پادىشاھلىقنى بولسا، يەھورام چوڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بەردى. 3
يەھورام ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ئىنىلىرىنى، شۇنداقلا يەھۇدادىكى بىرقانچە ئەمەلدارلارنى قىلىچلاپ قەتل قىلدى. 4
يەھورام تەختكە ئولتۇرغىنىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. 5
ئۇ ئاھاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ماڭغان يولدا ماڭدى، چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغانىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 6
بىراق پەرۋەردىگار داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى سەۋەبلىك، داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر چىراغ قالدۇراي دەپ، ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ جەمەتىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى خالىمىدى. 7
[يەھورامنىڭ] سەلتەنىتىدىكى كۈنلەردە ئېدوملار يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تىكلىدى. 8
يەھورام، سەردارلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرى [ئىئوردان دەرياسىدىن] ئۆتۈپ، كېچىدە قوزغىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان ئېدومىيلارغا ۋە جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلدى. 9
ھالبۇكى، ئېدومىيلار شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن يەھۇداغا قارشى چىقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ تۇردى. يەھورام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلىغىنى ئۈچۈن لىبناھلىقلارمۇ شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىن ئايرىلىپ چىقتى. 10
ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھورام يەنە يەھۇدانىڭ تاغلىرىدا «يۇقىرى جايلار»نى ياسىتىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى، يەھۇدالارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردى. 11
شۇ ۋاقىتلاردا ئىلىياس پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر مەكتۇپ يەھورامغا تەگدى، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: «سېنىڭ بوۋاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاتاڭ يەھوشافاتنىڭ يوللىرىدا ماڭماي، شۇنىڭدەك يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭمۇ يوللىرىنى تۇتماي، 12
بەلكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى خۇددى ئاھاب جەمەتىدىكىلەر بۇزۇقچىلىقلار قىلغاندەك بۇزۇقچىلىقلارغا پۇتلاشتۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى، يەنى ئۆزۈڭدىن ياخشى بولغان ئىنىلىرىڭنى قەتل قىلغىنىڭ ئۈچۈن، 13
پەرۋەردىگار سېنىڭ خەلقىڭنى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىڭنى ۋە بارلىق مال-مۈلكۈڭگە ئالامەت زور زەرب بىلەن ئۇرىدۇ. 14
ئۇ سېنىمۇ ئېغىر ۋابالار بىلەن ئۇرۇپ، ئۈچەي-باغرىڭنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇكى، كېسىلىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۈچەيلىرىڭ ئېقىپ چىقىدۇ»» دېيىلگەنىدى. 15
كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئېفىئوپىيلەرنىڭ يېنىدىكى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى يەھورامغا قارشى قوزغاتتى. 16
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەھۇدا زېمىنىغا زەرب قىلىپ بېسىپ ئۆتتى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن خوتۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار كەنجى ئوغلى يەھوئاھازدىن بۆلەك ئوغۇللىرىدىن بىرىنىمۇ قالدۇرمىدى. 17
بۇ ۋەقەدىن كېيىن پەرۋەردىگار يەھورامنى ئۇرۇپ، ئۈچەيلىرىنى ساقايماس ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. 18
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈشكە ئاز قالغاندا، كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۈچەيلىرى تېشىلىپ چۈشتى، ئۇ تولىمۇ ئازابلىنىپ ئۆلدى؛ ئۇنىڭ خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا خۇشبۇي ياققاندەك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خۇشبۇي يېقىپ ئولتۇرمىدى. 19
يەھورام تەختكە چىققان چېغىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى ۋە ئۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھېچكىم ئۇنىڭغا قايغۇ-ھەسرەت چەكمىدى. خالايىق ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى، لېكىن پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. 20

< تارىخ-تەزكىرە 2 21 >