< تارىخ-تەزكىرە 2 19 >

يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات ئامان-ئېسەن يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى. 1
유다 왕 여호사밧이 평안히 예루살렘에 돌아와서 그 궁으로 들어가니라
ئالدىن كۆرگۈچى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سېنىڭ رەزىللەرنىڭ ياردىمىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئۆچ بولغانلارنى سۆيگىنىڭ دۇرۇسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېشىڭغا چۈشىدىغان بولدى. 2
하나니의 아들 선견자 예후가 나가서 여호사밧 왕을 맞아 가로되 왕이 악한 자를 돕고 여호와를 미워하는 자를 사랑하는 것이 가하니이까 그러므로 여호와께로서 진노하심이 왕에게 임하리이다
ھالبۇكى، سەن ئاشەراھ بۇتلىرىنى زېمىندىن يوقىتىپ تاشلىغىنىڭ ۋە خۇدانى ئىزدەشكە نىيەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىمۇ ياخشىلىق تېپىلدى، دېدى. 3
그러나 왕에게 선한 일도 있으니 이는 왕이 아세라 목상들을 이 땅에서 없이하고 마음을 오로지하여 하나님을 찾음이니이다 하였더라
يەھوشافات يېرۇسالېمدا ئولتۇراتتى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ، بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە سەپەر قىلىپ، خەلقنى توۋا قىلدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ياندۇردى. 4
여호사밧이 예루살렘에 거하더니 나가서 브엘세바에서부터 에브라임 산지까지 민간에 순행하며 저희를 그 열조의 하나님 여호와께로 돌아오게 하고
ئۇ يەنە يەھۇدا تەۋەسىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەردە سوراقچىلارنى تەيىنلىدى؛ 5
또 유다 온 나라 견고한 성에 재판관을 세우되 성마다 있게 하고
ئۇ سوراقچىلارغا: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر؛ سىلەر ھۆكۈم چىقارغىنىڭلاردا ئۇ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 6
재판관에게 이르되 너희는 행하는 바를 삼가하라 너희의 재판하는 것이 사람을 위함이 아니요 여호와를 위함이니 너희가 재판할 때에 여호와께서 너희와 함께 하실지라
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىمىسى كۆز ئالدىڭلاردا بولسۇن؛ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدا ناھەقلىق يوق، يۈز-خاتىر قىلىش يوق، پارا يېيىشمۇ يوقتۇر، دېدى. 7
그런즉 너희는 여호와를 두려워하는 마음으로 삼가 행하라 우리의 하나님 여호와께서는 불의함도 없으시고 편벽됨도 없으시고 뇌물을 받으심도 없으시니라
يەھوشافات لاۋىيلاردىن، كاھىنلاردىن ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ باشلىرىدىن بەزىلەرنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش ۋە خەلقنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىدى. 8
여호사밧이 또 예루살렘에서 레위 사람과 제사장과 이스라엘 족장 중에서 사람을 세워 여호와께 속한 일과 예루살렘 거민의 모든 송사를 재판하게 하고
يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار. 9
저희에게 명하여 가로되 너희는 여호와를 경외하고 충의와 성심으로 이 일을 행하라
ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. 10
무릇 어느 성읍에 거한 너희 형제가 혹 피를 흘림이나 혹 율법이나 계명이나 율례나 규례를 인하여 너희에게 와서 송사하거든 저희를 경계하여 여호와께 죄를 얻지 않게 하여 너희와 너희 형제에게 진노하심이 임하지 말게 하라 너희가 이렇게 행하면 죄가 없으리라
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق ئىشلاردا سىلەرنى باش كاھىن ئامارىيا باشقۇرىدۇ؛ پادىشاھقا دائىر ئىشلاردا، سىلەرنى يەھۇدا جەمەتىنىڭ يولباشچىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا باشقۇرىدۇ؛ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا تۇرىدىغان لاۋىيلار بار. جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلىرىڭلارنى قىلىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئىشنى دۇرۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بولىدۇ! ــ دېدى. 11
여호와께 속한 모든 일에는 대제사장 아마랴가 너희를 다스리고 왕에게 속한 모든 일은 유다 지파의 어른 이스마엘의 아들 스바댜가 다스리고 레위 사람들은 너희 앞에 관리가 되리라 너희는 힘써 행하라 여호와께서 선한 자와 함께 하실지로다 하니라

< تارىخ-تەزكىرە 2 19 >