< تارىخ-تەزكىرە 2 18 >

يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى. 1
بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئاھاب بىلەن كۆرۈشۈشكە سامارىيەگە باردى. ئاھاب بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن كالا، قوي سويدى؛ ئاندىن ئۇ ئۇنى گىلېئادتىكى راموتقا بىللە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇناتتى. 2
ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتتىن: ــ ئۆزلىرى مېنىڭ بىلەن بىللە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر. مەن ئۆزلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا بارماي تۇرمايمەن، دەپ جاۋاپ بەردى. 3
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈز ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ بىز جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. 5
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا يول سورىغۇدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 6
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى دائىم بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. 7
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. 8
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. 9
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. 10
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. 11
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. 12
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. 13
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى [دۈشمىنىڭلار] قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى. 14
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. 15
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن» دېدى، ــ دېدى. 16
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. 17
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 18
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ 19
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، 20
ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. 21
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. 22
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. 23
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. 24
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، 25
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ، نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دەڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 26
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. 27
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. 28
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىقسىلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. 29
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 30
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ئولىشىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولدى؛ لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. خۇدا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى؛ 31
چۈنكى شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. 32
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. 33
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ كەچكىچە سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. كۈن پېتىشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. 34

< تارىخ-تەزكىرە 2 18 >