< تارىخ-تەزكىرە 2 17 >

ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى. 1
ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى. 2
پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى، 3
بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى. 4
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. 5
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى. 6
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى. 7
ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى. 8
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى. 9
يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى. 10
فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى. 11
يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى. 12
ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى. 13
جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 14
ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 15
يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى. 16
بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 17
ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى. 18
بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى. 19

< تارىخ-تەزكىرە 2 17 >