< تارىخ-تەزكىرە 2 16 >

شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز بەشىنچى يىلىغىچە ئۇرۇش بولۇپ باقمىدى. ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 1
ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردىن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى بەن-ھادادقا ئەۋەتىپ ۋە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 2
«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇن ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. 3
بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، ئابەل-مايىم، نافتالىدىكى بارلىق ئامبار شەھەرلىرىنى بېقىندۇردى. 4
بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى توختاتتى. 5
ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 6
ئۇ چاغدا، ئالدىن كۆرگۈچى ھانانى يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەمەس، بەلكى سۇرىيە پادىشاھىغا تايانغانلىقىڭ ئۈچۈن سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنى ئۆز قولۇڭدىن قۇتۇلدى. 7
ئېفىئوپىيلەر بىلەن لىۋىيەلىكلەر چوڭ بىر قوشۇن ئەمەسمىدى؟ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمەسمىدى؟ لېكىن سەن پەقەت پەرۋەردىگارغا تايانغاندا، ئۇ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرغانىدى. 8
چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى. 9
بۇنى ئاڭلاپلا ئاسا ئالدىن كۆرگۈچىگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويدى؛ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەھرى قايناپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خەلقتىن بەزىلىرىگە زۇلۇم سېلىشقا باشلىغانىدى. 10
مانا، ئاسانىڭ قىلغان ئىشلىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. 11
ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى؛ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ ئاغرىغاندىمۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىدى، بەلكى پەقەت تېۋىپلاردىنلا ياردەم ئىزدىدى. 12
ئاسا سەلتەنىتىنىڭ قىرىق بىرىنچى يىلىدا ئۆلدى، ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. 13
خەلقلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزىگە ئاتاپ تەييارلىتىپ كولىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەتتارلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تەڭشەلگەن ھەرتۈرلۈك دورا-دەرماندىن بولغان بىر ئارىلاشما پۈركەلگەن جىنازىغا ياتقۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى. 14

< تارىخ-تەزكىرە 2 16 >