< تارىخ-تەزكىرە 2 14 >

ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، كىشىلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاسا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە ئون يىل تىنچ ئۆتتى. 1
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە توغرا بولغاننى قىلدى. 2
ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ئۆرۈپ چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كىسىپ تاشلىدى، 3
يەھۇدالارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى، مۇقەددەس قانۇن-ئەمرلەرنى تۇتۇشنى ئەمر قىلدى. 4
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدىكى ھەربىر شەھەرلەردىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى يوقاتتى. ئۇ چاغدا پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تىنچ-ئاسايىشلىقتا ئۆتتى. 5
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدا بىرنەچچە قورغانلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى، چۈنكى يۇرت-زېمىن ئاراملىقتا بولدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچكە، شۇ يىللاردا ھېچ ئۇرۇش بولمىدى. 6
ئۇ يەھۇدالارغا: ــ زېمىن ئالدىمىزدا تىنچ تۇرغاندا، بۇ شەھەرلەرنى سېپىل بىلەن قورشالغان، مۇنارلىق، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان شەھەرلەر قىلىپ قۇرايلى؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ تىنچلىك بەردى؛ بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق ۋە ئۇ بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدا بىزگە ئاراملىق بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇلۇشنى باشلىدى ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. 7
ئاسانىڭ قوشۇنى بار ئىدى؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن سىپار ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ كىشىلىك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. 8
ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، [ئاساغا] ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى. 9
ئاسا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا ئاتلاندى؛ ئۇلار مارەشاھقا يېقىن زەفاتاھ جىلغىسىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. 10
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! ــ دېدى. 11
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاسا ۋە يەھۇدالار ئالدىدا ئېفىئوپىيلەرنى ئۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، ئېفىئوپىيلەر قاچتى. 12
ئاسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تاكى گەرارغىچە قوغلىدى؛ ئېفىئوپىيلەر شۇنداق يىقىتىلدىكى، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ تىرىك قالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان قىلىندى. يەھۇدالار غايەت زور جەڭ غەنىمەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ كەتتى. 13
ئۇلار يەنە گەرار ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردىن زور بىر قورقۇنچ مۇشۇ شەھەرلەردىكىلەرنى باسقانىدى. يەھۇدالار يەنە ھەممە شەھەرنى بىرنىمۇ قويماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، چۈنكى ئۇلاردا تولىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك بار ئىدى. 14
ئۇلار يەنە مال باققان چارۋىچىلارنىڭ چېدىر-قوتانلىرىغىمۇ زەرب قىلىپ، ناھايىتى كۆپ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 15

< تارىخ-تەزكىرە 2 14 >