< تىموتىيغا 1 3 >

«ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. 1
ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، 2
شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى، 3
ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. 4
چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ 5
[يېتەكچى] يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ. 6
ئۇ [جامائەتنىڭ] سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ. 7
خۇددى [يېتەكچىلەرگە] ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى، 8
پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم. 9
بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ. 10
شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. 11
خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. 12
خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ. 13
مەن گەرچە پات ئارىدا يېنىڭغا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم؛ 14
مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر. 15
ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ــ «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، ئۇ شان-شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى». 16

< تىموتىيغا 1 3 >