< سامۇئىل 1 8 >

شۇنداق بولدىكى، سامۇئىل قېرىغاندا ئوغۇللىرىنى ئىسرائىلغا ھاكىم قىلىپ قويدى. 1
ئۇنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل بولۇپ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىياھ ئىدى. بۇلار بەئەر-شېبادا ھاكىملىق قىلدى. 2
لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى. 3
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى راماھدا جەم بولۇپ سامۇئىلنىڭ قېشىغا كېلىپ 4
ئۇنىڭغا: ــ مانا سەن قېرىدىڭ، ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا يۈرمەيدۇ. بارلىق ئەللەردە بولغاندەك ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. 5
ئۇلارنىڭ «ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن» دېگىنى سامۇئىلنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كەلدى. سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، 6
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا جاۋابەن: ــ خەلق ساڭا ھەرنېمە ئېيتسا ئۇلارغا قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى «ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولمىسۇن» دەپ مېنى تاشلىدى. 7
مەن ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ساڭا ھەم شۇنداق قىلىدۇ. 8
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېدى. 9
سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ سورىغان خەلققە، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. 10
ئۇ: ــ ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇتىدىغان يولى مۇنداق بولىدۇ: ــ ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا قويۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەشكە، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بولۇشقا سالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىدۇ؛ 11
ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. 12
قىزلىرىڭلارنى ئەتىر ياساشقا، تاماق ئېتىشكە ۋە نان يېقىشقا سالىدۇ. 13
ئەڭ ئېسىل زېمىنلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. 14
ئۇ ئۇرۇقۇڭلاردىن، ئۈزۈمزارلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ غوجىدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. 15
ئۇ قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ كېلىشكەن يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. 16
ئۇ قويلىرىڭلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئالىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى بولىسىلەر. 17
سىلەر ئۇ كۈندە ئۆزۈڭلارغا تاللىغان پادىشاھ تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنىدە سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، دېدى. 18
خەلق بولسا سامۇئىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: ــ ياق، بەلكى ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن، دېدى. 19
ــ شۇنداق قىلىپ بىز باشقا ھەربىر ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز؛ بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزنى باشلايدۇ ۋە بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، دېدى. 20
سامۇئىل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. 21
پەرۋەردىگار ئەمدى سامۇئىلغا: ــ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېدى. 22

< سامۇئىل 1 8 >