< سامۇئىل 1 6 >

پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە ئاي تۇردى. 1
فىلىستىيلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز جايىغا ئەۋەتەلەيمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، دېدى. 2
ئۇلار: ــ ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭلار، قۇرۇق ئەۋەتمەڭلار، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى بىرگە ئەۋەتىشىڭلار زۆرۈردۇر، دېدى. شۇنداق قىلغاندا شىپا تاپىسىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلىسىلەر، دېدى. 3
ئۇلار: ــ بىز نېمىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ ئەۋەتىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنىڭ سانى بەش؛ شۇڭا بەش ئالتۇن ھۈررەك ۋە بەش ئالتۇن چاشقان ياساپ ئەۋەتىڭلار؛ چۈنكى سىلەرگە ۋە غوجاڭلارغا ئوخشاشلا بالا-قازا چۈشتى. 4
ھۈررەكلىرىڭلارنىڭ شەكلىنى ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ، ئىلاھلىرىمىزنىڭ ۋە زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىنى باسقان قولىنى يېنىكلىتەرمىكىن: ــ 5
مىسىرلىقلار بىلەن پىرەۋن ئۆز كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆز كۆڭلۈڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر؟ ئۇ مىسىرلىقلارغا زور قاتتىق قوللۇق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدىمۇ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلمىدىمۇ؟ 6
ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ياساپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار؛ ئۇلاردىن موزايلىرىنى ئايرىپ، ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار؛ 7
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا سېلىڭلار؛ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر قاپقا سېلىپ ساندۇققا يانداپ قويۇڭلار ۋە ساندۇقنى شۇ پېتى ماڭدۇرۇڭلار؛ 8
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ھارۋا ئىسرائىل چېگرىسىدىكى يول بىلەن بەيت-شەمەشكە ماڭسا، بىزگە كەلگەن شۇ چوڭ بالا-قازانى چۈشۈرگۈچىنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن تاسادىپىلىق بولىدۇ، خالاس، دېيىشتى. 9
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر شۇنداق قىلدى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيدە سولاپ قويۇپ، 10
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقان ۋە قۇيما ھۈررەكلەر قاچىلانغان قاپنى ئۇنىڭغا يانداپ قويدى. 11
ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كۆتۈرۈلگەن يول بىلەن ماڭغاچ مۆرەيتتى، يا ئوڭ تەرەپكە يا سول تەرەپكە قېيىپ كەتمىدى. فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەشنىڭ چېگرىسىغىچە باردى. 12
بەيت-شەمەشتىكىلەر جىلغىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى. 13
ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنى چېقىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 14
لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار بار قاپنى چۈشۈرۈپ چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەشتىكىلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلدى. 15
فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسى بۇلارنى كۆرۈپ شۇ كۈنى ئەكرونغا قايتىپ كەتتى. 16
فىلىستىيلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن ئالتۇن ھۈررىكى: ــ ئاشدود ئۈچۈن بىر، گازا ئۈچۈن بىر، ئاشكېلون ئۈچۈن بىر، گات ئۈچۈن بىر ۋە ئەكرون ئۈچۈن بىر ئىدى. 17
ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسىغا تەۋە بارلىق شەھەرنىڭ سانى بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ شەھەرلەر سېپىللىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق سەھرا-كەنتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويغان چوڭ چىمەنزارغىچە ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چىمەنزار ھازىرمۇ بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا بار. 18
ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى. 19
بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى. 20
ئاندىن ئۇلار كىرىئات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋىتىپ: ــ فىلىستىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. 21

< سامۇئىل 1 6 >