< سامۇئىل 1 4 >

ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپ ئەبەن-ئەزەرگە يېقىن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. فىلىستىيلەر بولسا ئافەك دېگەن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. 1
فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشقىلى سەپ تىزىپ تۇردى. جەڭ كېڭەيگەندە ئىسرائىل فىلىستىيلەر ئالدىدا تارمار بولدى؛ فىلىستىيلەر ئۇلارنىڭ جەڭ سەپلىرىدىن تۆت مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈردى. 2
خالايىق بارگاھقا يېنىپ كەلگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ نېمىشقا پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنى فىلىستىيلەر تەرىپىدىن تارمار قىلدۇردى؟ بىز شىلوھدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمىنىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. 3
شۇ گەپتىن كېيىن خالايىق شىلوھغا ئادەم ماڭدۇرۇپ، شۇ يەردىن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. 4
ۋە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى لەشكەرگاھقا ئېلىپ كېلىنگەندە پۈتكۈل ئىسرائىل يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك بىر چۇقان كۆتۈرۈشتى. 5
فىلىستىيلەر كۈچلۈك تەنتەنە ئاۋازىنى ئاڭلاپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئاڭلانغان بۇ كۈچلۈك چۇقان نېمە ۋەجىدىن چىققاندۇ، دەپ ئېيتىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەلتۈرۈلگىنىنى بىلىپ يەتتى. 6
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر قورقۇپ: ــ ئىلاھلار ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! مۇنداق ئىش بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ بولغان ئەمەس، دېيىشتى. 7
ھالىمىزغا ۋاي! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ مانا باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالا-ۋابالار بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار دەل شۇلاردۇر! 8
ئى فىلىستىيلەر، ئۆزلىرىڭلارنى جەسۇر كۆرسىتىپ ئەركەكتەك تۇرۇڭلار. بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىز ئۇلارغا قۇل بولىمىز؛ ئەركەكتەك بولۇپ جەڭ قىلىڭلار! ــ دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىل تارمار قىلىنىپ، ھەربىرى تەرەپ-تەرەپكە ئۆز چېدىرىگە بەدەر قاچتى. جەڭدە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئىسرائىلدىن ئوتتۇز مىڭ پىيادە ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. 10
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. 11
شۇ كۈنى بىر بىنيامىنلىق جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق، ئۈستىبېشى توپا-چاڭ ھالدا شىلوھغا يۈگۈرۈپ كەلدى. 12
ئۇ يېتىپ كەلگەندە، مانا ئەلى يولنىڭ چېتىدە ئۆز ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تاقىتى-تاق بولۇپ كۈتۈۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ غېمىدە پەرىشان ئىدى. ئۇ كىشى خەۋەرنى يەتكۈزگىلى شەھەرگە كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر پەرياد-چۇقان كۆتۈردى. 13
ئەلى پەرياد ساداسىنى ئاڭلاپ: ــ بۇ زادى نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ ئەلىگە خەۋەر بەردى 14
(ئەلى توقسان سەككىز ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرمەيتتى). 15
ئۇ كىشى ئەلىگە: ــ مەن جەڭدىن قايتىپ كەلگەن كىشىمەن، بۈگۈن جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كەلدىم، دېدى. ئەلى: ــ ئى ئوغلۇم، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ــ دەپ سورىدى. 16
خەۋەرچى جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچتى. خەلق ئارىسىدا قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدى! سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ، خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلدى ھەمدە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئولجا بولۇپ كەتتى، دېدى. 17
ۋە شۇنداق بولدىكى، خەۋەرچى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلى دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتىن كەينىگە يىقىلىپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ قېرىپ، بەدىنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ قىرىق يىل ئىسرائىلنىڭ ھاكىمى بولغانىدى. 18
ئۇنىڭ كېلىنى، يەنى فىنىھاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئولجا بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە قىيىنئاتىسى بىلەن ئېرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، بىردىنلا قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، پۈكۈلۈپ بالىنى تۇغدى. 19
ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا، چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: ــ قورقمىغىن، سەن ئوغۇل بالا تۇغدۇڭ، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابمۇ بەرمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلمىدى. 20
ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا «ئىخابود» دەپ ئىسىم قويدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتكەن ھەم قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىمۇ ئۆلگەنىدى. 21
ئۇ يەنە: ــ شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى! ــ دېدى. 22

< سامۇئىل 1 4 >