< سامۇئىل 1 31 >

ئەمدى فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يىقىتىلدى. 1
فىلىستىيلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتاتتى. فىلىستىيلەر بولسا سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب، مەلكىشۇئانى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 2
سائۇلنىڭ ئەتراپىنى ئۇرۇش قاپلىدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشتى؛ ئۇ يا ئوقى بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى. 3
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. 4
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. 5
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. 6
ئەمدى ۋادىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھەمدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، شەھەرلەرنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. 7
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. 8
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ساۋۇت-ياراغلىرىنى سالدۇرۇپ بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ بۇتخانىلىرىدا ۋە خەلقنىڭ ئارىسىدا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. 9
ئۇلار ئۇنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىدا قويۇپ ئۆلۈكىنى بەيت-شان شەھىرىدىكى سېپىلغا ئېسىپ قويدى. 10
ئەمدى يابەش-گىلېئادتا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا 11
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ كېچىچە مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى بەيت-شاندىكى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يابەشكە ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە كۆيدۈردى. 12
ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى يابەشتىكى يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ يەتتە كۈن روزا تۇتتى. 13

< سامۇئىل 1 31 >