< سامۇئىل 1 30 >

شۇنداق بولدىكى، داۋۇت ۋە ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىكلاگقا يېتىپ كەلدى؛ مانا، ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپكە ۋە زىكلاگقا ھۇجۇم قىلىپ، زىكلاگنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى. 1
ئۇلار شەھەردىكى قىز-ئاياللارنى، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئېلىپ، يولىغا چىققانىدى. 2
داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە كەلگەندە، مانا، شەھەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. 3
ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى. 4
داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يىزرەئەللىك ئاھىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىلمۇ ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. 5
داۋۇت قاتتىق ئازابلاندى؛ چۈنكى بارلىق خالايىق، ھەربىرى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەزەپلىنىپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇت ئۆزىنى خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتلەندۈردى. 6
داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 7
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ بۇ قوشۇننى قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەرمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ قوغلا؛ سەن جەزمەن ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسەن، دېدى. 8
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادەم بېرىپ بېسور ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، كەينىدە سۆرۈلۈپ قالغانلار شۇ يەردە قالدى. 9
داۋۇت ئۆزى تۆت يۈز ئادەم بىلەن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى؛ ئىككى يۈز ئادەم ھالسىراپ كەتكەچكە، بېسور ۋادىسىدىن ئۆتەلمەي كەينىدە قالغانىدى. 10
ئۇلار دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نان بېرىپ يېگۈزدى، سۇ ئىچكۈزدى؛ 11
ئۇنىڭغا بىر پارچە ئەنجۈر پوشكىلى بىلەن ئىككى كىشمىش پوشكىلىنىمۇ بەردى. ئۇ بۇلارنى يەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىردى؛ چۈنكى ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەنىدى. 12
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىمگە تەۋە؟ سەن قەيەرلىكسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن مىسىرلىق يىگىت بولۇپ، بىر ئامالەكنىڭ قۇلىمەن. لېكىن مەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغاچقا، غوجام مېنى تاشلىۋەتتى. 13
بىز ئەسلى كەرەتىيلەرنىڭ يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ۋە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق؛ شۇنداقلا زىكلاگنى كۆيدۇرۈۋەتكەنىدۇق، دېدى. 14
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى. 15
ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى. 16
ئەمما داۋۇت شۇ كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. تۆگىگە مىنىپ بەدەر قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلمىدى؛ 17
ۋە داۋۇت ئامالەكلەر بۇلۇۋالغان ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ ئالدى؛ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. 18
ئامالەكلەر ئېلىپ كەتكەن ئوغۇل-قىز، مال-مۈلۈكلەر ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى داۋۇت ئۇلاردىن قايتۇرۇۋالدى. ھېچنېمە، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن چۈشۈپ قالمىغانىدى. 19
[داۋۇتنىڭ ئادەملىدى] قايتۇرۇۋالغان ماللىرىنىڭ ئالدىغا [ئولجا ئالغان] باشقا قوي ۋە كالا پادىلارنى سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. [ئۇنىڭ ئادەملىرى] كېتىۋېتىپ: ــ بۇلار داۋۇتنىڭ ئولجىسى، دېيىشتى؛ داۋۇت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئالدى. 20
داۋۇت ھالسىزلىنىپ ئۆزى بىلەن بىللە بارالمىغان بېسور ۋادىسىنىڭ بويىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى يۈز ئادەمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى؛ ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. 21
لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ: ــ بۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىن كېيىن بىز ياندۇرۇپ ئالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچ نېمە بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ھەربىرى ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن، دېدى. 22
ئەمما داۋۇت: ــ ياق، ئى بۇرادەرلىرىم؛ پەرۋەردىگار بىزگە تەقسىم قىلغاننى [ئۇلارغىمۇ تەقسىم] قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنى قوغداپ بىزنىڭكىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنى قولىمىزغا تاپشۇردى. 23
بۇ ئىشتا كىم سىلەرگە ماقۇل دەيدۇ؟ چۈنكى سوقۇشقا چۈشكەننىڭ ئۈلۈشى قانداق بولسا يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى شۇنداق بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم تەڭ بۆلۈشسۇن ــ دېدى. 24
شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق. 25
داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى. 26
ئۇ ئولجىدىن ھەم بەيت-ئەلدىكىلەرگە، جەنۇبىي راموتتىكىلەرگە، ياتتىردىكىلەرگە، 27
ئاروئەردىكىلەرگە، سىفموتتىكىلەرگە، ئەشتەموئادىكىلەرگە، 28
راقالدىكىلەرگە، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە ۋە كېنىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە، 29
خورماھتىكىلەرگە، قوراشاندىكىلەرگە، ئاتاقتىكىلەرگە، 30
ھېبروندىكىلەرگە ۋە داۋۇت ۋە ئادەملىرى بىللە يۈرگەن ھەممە يەردىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتتى. 31

< سامۇئىل 1 30 >