< سامۇئىل 1 3 >

سامۇئىل دېگەن بالا بولسا ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇ كۈنلەردە كەم ئىدى؛ ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. 1
ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر كۈنى ئەلى ئورنىدا ياتقانىدى (ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەنىدى) 2
خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلا يەردە ياتاتتى. 3
پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى. 4
ئۇ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ياتقىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ ياتتى. 5
پەرۋەردىگار يەنە: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم ئى ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن، دېدى. 6
سامۇئىل پەرۋەردىگارنى تېخى تونۇمىغانىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى. 7
لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى؛ ئۇ قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ مانا مەن؛ سەن مېنى چاقىردىڭ، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى پەرۋەردىگار بالىنى چاقىرىپتۇ، دەپ بىلىپ يەتتى. 8
شۇنىڭ بىلەن ئەلى سامۇئىلغا: ــ بېرىپ ياتقىن. ئۇ ئەگەر سېنى چاقىرسا، سەن: ــ ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ ئېيتقىن، دېۋىدى، سامۇئىل بېرىپ ئورنىدا ياتتى. 9
ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. 10
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ مانا مەن ئاڭلىغانلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنى زىڭىلداتقۇدەك بىر ئىشنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا قىلماقچىمەن. 11
شۇ كۈنىدە مەن بۇرۇن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەر توغرىسىدا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ باشتىن ئاخىرغىچە ئادا قىلىمەن! 12
چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى. 13
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە قەسەم قىلغانمەنكى، ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى مەيلى قۇربانلىق بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەدىيە بىلەن بولسۇن كافارەت قىلىنماي، ئەبەدگىچە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، دېدى. 14
سامۇئىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئىل ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 15
لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى. 16
ئۇ: ــ ئۇ ساڭا نېمە سۆز قىلدى؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىنىڭ بىرىنى ماڭا ئېيتماي قويساڭ، خۇدا دېگىنىنى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. 17
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردى. ئەلى: ــ مانا، ئۇ پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ نېمىنى لايىق تاپسا، شۇنى قىلسۇن، دېدى. 18
سامۇئىل ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتاتتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىنى يەردە قالدۇرمايتتى. 19
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سامۇئىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 20
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆزىنى يەنە ئايان قىلدى. چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆز سۆز-كالامى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئۆزىنى ئايان قىلدى؛ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتكۈل ئىسرائىلغا يەتكۈزدى. 21

< سامۇئىل 1 3 >