< سامۇئىل 1 29 >

فىلىستىيلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى يىغىپ ئافەكتە جەم قىلدى؛ ئىسرائىللار يىزرەئەلدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدا چېدىر تىكتى. 1
فىلىستىيلەرنىڭ سەردارلىرى يۈز ياكى مىڭدىن ئەسكەرنى باشلاپ، سەپ تىزىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقىش بىلەن چىقىپ سەپ تۈزدى. 2
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: ــ بۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئاقىش فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىگە: ــ بۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى مەن بىلەن تۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچ ئەيىب بايقىمىدىم، دېدى. 3
ئەمما فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى قايتۇرۇۋەت! بۇ كىشى سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا كەتسۇن؛ بىز بىلەن بىللە سوقۇشقا چۈشمىسۇن، بولمىسا، ئۇ سوقۇشتا بىزگە رەقىب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەم ئۆز غوجىسى بىلەن نېمىسى ئارقىلىق يارىشىدۇ؟ بۇ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن بولمامدۇ؟ 4
بۇ قىز-ئاياللار بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇسسۇل ئويناپ قوشاق قېتىپ: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دېگەن داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 5
ئاقىش داۋۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى]، سەن دۇرۇس ئادەمسەن، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن لەشكەرگاھدا خىزمەتتە بولۇشۇڭ كۆزلىرىمدە ياخشى ئىشتۇر؛ چۈنكى ماڭا كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سەندىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن سەن ئەمىرلەرگە ياقماپسەن. 6
شۇڭا تىنچ-ئامان يېنىپ كەتكىن، بولمىسا فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى نارازى قىلىپ قويىسەن، دېدى. 7
داۋۇت ئاقىشقا: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ سىلىنىڭ قاشلىرىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە قىلغان قايسى [يامانلىقىم] ئۈچۈن مېنى غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سوقۇشقىلى بارغۇزمايلا؟ ــ دېدى. 8
ئاقىش داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ كۆزلىرىمدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى سېنى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن دەۋاتىدۇ، دېدى. 9
شۇڭا ئەتە سەھەردە قوپۇڭلار، ئۆزۈڭ ۋە بىللە كەلگەنلەر، يەنى مەن خوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى؛ سەھەردە قوپۇڭلار، تاڭ يورۇشى بىلەنلا چىقىپ كېتىڭلار، دېدى. 10
شۇڭا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ماڭدى. فىلىستىيلەر بولسا يىزرەئەلگە چىقتى. 11

< سامۇئىل 1 29 >