< سامۇئىل 1 28 >

ئۇ كۈنلەردە فىلىستىيلەر ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن جەزمەن جەڭگە چىقىشىڭ لازىم، دېدى. 1
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئۇنداقتا سىلى قۇللىرىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىلا ــ دېدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ مانا، سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك پاسىبان قىلاي، دېدى. 2
(سامۇئىل ئۆلگەنىدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان راماھدا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل بولسا جىنكەشلەر بىلەن پالچىلارنى زېمىندىن قوغلاپ چىقاردى). 3
فىلىستىيلەر توپلىشىپ چىقىپ شۇنەمدە چېدىر تىكتى. سائۇلمۇ ھەم پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئاھدا چېدىر تىكتى. 4
سائۇل ئەمدى فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇن بارگاھىنى كۆرگەندە قورقۇپ، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتتى. 5
سائۇل پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار يا چۈش بىلەن يا «ئۇرىم» بىلەن يا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 6
شۇنىڭ بىلەن سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ ماڭا پالچى جىنكەش بىر خوتۇننى تېپىپ بېرىڭلار، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سوراي، دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئەن-دوردا جىنكەش بىر خوتۇن بار ئىكەن، دېدى. 7
سائۇل نىقابلىنىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ ئىككى ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ باردى. ئۇلار كېچىسى بېرىپ خوتۇننىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ خوتۇنغا: ــ ماڭا جىن چاقىرىپ پال ئېچىپ، مەن دېگەن بىرسىنى قېشىمغا كەلتۈرگىن، دېدى. 8
خوتۇن ئۇنىڭغا: ــ مانا، سائۇلنىڭ قىلغانلىرىنى، يەنى زېمىندىن جىنكەشلەرنى ۋە پالچىلارنى يوقاتقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن؛ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرۈشكە جېنىمغا تۇزاق قويىسەن، دېدى. 9
سائۇل ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىش ئۈچۈن ساڭا جازا بولمايدۇ، دېدى. 10
خوتۇن: ــ ساڭا كىمنى چىقىرىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ماڭا سامۇئىلنى چىقارغىن، دېدى. 11
خوتۇن سامۇئىلنى كۆرگەندە قاتتىق ئاۋاز بىلەن چىرقىرىدى، ئاندىن سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى گوللايسەن؟ سەن ئۆزۈڭ سائۇلغۇ! ــ دېدى. 12
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! نېمىنى كۆردۈڭ؟ ــ دېدى. ئۇ سائۇلغا: ــ مەن بىر ئىلاھنىڭ يەردىن چىققىنىنى كۆردۈم، دېدى. 13
ئۇ: ــ ئۇنىڭ قىياپىتى قانداق ئىكەن؟ دېدى. خوتۇن: ــ قېرى بىر بوۋاي چىقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يېپىنچا كىيگەنىكەن، دېدى. سائۇل: ــ ئۇ سامۇئىل ئىكەن، دەپ بىلىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى. 14
سامۇئىل سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىپ چىقاردىڭ؟ ــ دېدى. سائۇل: ــ مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم؛ چۈنكى فىلىستىيلەر ماڭا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ۋە خۇدا مەندىن يىراقلاپ، ماڭا ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياكى چۈشلەر ئارقىلىق ھېچ جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن دەپ، سېنى چاقىردىم، دېدى. 15
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار سەندىن يىراقلاپ، دۈشمىنىڭ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا مەندىن مەسلىھەت سورايسەن؟ ــ دېدى. 16
ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى؛ پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن يىرتىپ ئېلىپ، قوشناڭغا، يەنى داۋۇتقا بەردى. 17
سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئامالەكلەرگە قاراتقان قاتتىق غەزىپىنى يۈرگۈزمىگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن ساڭا شۇ ئىشنى قىلدى. 18
پەرۋەردىگار ئۆزۈڭ بىلەن ئىسرائىلنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ؛ ئەتە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مېنىڭ بىلەن بىللە بولىسىلەر؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، دېدى. 19
سائۇل شۇئان يەرگە دۈم يىقىلدى، سامۇئىلنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ بىر كېچە-كۈندۈز تاماقمۇ يېمىگەچكە، ماغدۇرىمۇ قالمىدى. 20
ئايال ئەمدى سائۇلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، دېدەكلىرى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تاپىلىغانلىرىغا بىنائەن قىلدىم. 21
ئەمدى سىلىدىن ئۆتۈنىمەن، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە كىرگەيلا؛ مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بىر چىشلەم نان كەلتۈرۈشكە ئۇنىغايلا؛ شۇنىڭ بىلەن سىلى يەپ قۇۋۋەت تېپىپ ئاندىن ئۆز يوللىرىغا كېتەلەيلا، دېدى. 22
لېكىن ئۇ رەت قىلىپ: ــ يېمەيمەن، دەپ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ھەم ئايالمۇ يېيىشنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشتى؛ ئۇ يەردىن قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. 23
ئايالنىڭ ئۆيىدە بىر بورداق موزاي بار ئىدى. ئۇ دەرھال ئۇنى سويدى؛ ھەم خېمىر يۇغۇرۇپ پېتىر نان پىشۈرۈپ بەردى. 24
ئۇ ئۇنى سائۇل بىلەن خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ بولۇپ، شۇ كېچىسى كەتتى. 25

< سامۇئىل 1 28 >