< سامۇئىل 1 27 >

داۋۇت كۆڭلىدە: ــ ھامان بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا تېزدىن قېچىپ كېتىشىمدىن باشقا ئامال يوق. شۇنداق قىلسام سائۇل ئىسرائىل زېمىنى ئىچىدە مېنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىزدەشتىن قول ئۈزىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ ئويلىدى. 1
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. 2
ئەمدى داۋۇت ۋە ئادەملىرى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گاتتا ئاقىش بىلەن تۇردى. داۋۇت ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە نابالنىڭ تۇل خوتۇنى كارمەللىك ئابىگائىل بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇردى. 3
سائۇل: ــ داۋۇت گاتقا قېچىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى. 4
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئەگەر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن سەھرادىكى بىر شەھەردىن بىزگە بىر جاي بەرگەيلا؛ قۇلۇڭ قانداقمۇ شاھانە شەھەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرسۇن، دېدى. 5
ئۇ كۈنى ئاقىش ئۇنىڭغا زىكلاگ شەھىرىنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىكلاگ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. 6
داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقىت بىر يىل تۆت ئاي بولدى. 7
داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى). 8
داۋۇت [ھەرقېتىم] زېمىندىكىلەرنى قىرىپ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى ۋە قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ئاقىشنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلەتتى. 9
ئاقىش: ــ بۈگۈن قايسى جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدىڭلار، دەپ سورايتتى؛ داۋۇت: ــ يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى ۋە كېنىيلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق، دەيتتى. 10
داۋۇت ئەر ياكى ئاياللارنىڭ بىرىنىمۇ گاتقا تىرىك ئېلىپ كەلمەيتتى؛ چۈنكى ئۇ: ــ ئۇلار بىزنىڭ توغرىمىزدىن، «داۋۇت ئۇنداق-مۇنداق قىلدى» دەپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، دەيتتى. داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. 11
شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى. 12

< سامۇئىل 1 27 >