< سامۇئىل 1 25 >

سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى. 1
ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى. 2
ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. 3
داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ 4
ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار. 5
ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي! 6
مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ تەرسىسى يىتىپ كەتمىدى. 7
ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى. 8
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى. 9
نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا. 10
مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى. 11
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى. 12
داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى [تاسمىسىغا] ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى. 13
ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى. 14
بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى. 15
بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى. 16
ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى. 17
ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ 18
ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى. 19
ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 20
داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى. 21
ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى. 22
ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛ 23
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ 24
ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. 25
ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن. 26
ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن. 27
سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ. 28
بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ. 29
ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى، 30
سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا». 31
داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! 32
ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ. 33
لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى. 34
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى. 35
ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى. 36
لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى. 37
ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى. 38
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى. 39
داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى. 40
ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى. 41
ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى. 42
داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى. 43
لېكىن سائۇل داۋۇتقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىقالنى گاللىمدىكى لائىشنىڭ ئوغلى فالتىغا خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى. 44

< سامۇئىل 1 25 >