< سامۇئىل 1 24 >

سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ يانغاندا ئۇنىڭغا: ــ مانا، داۋۇت ئەن-گەدىدىكى چۆلدە تۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. 1
سائۇل ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى «ياۋا تېكىلەر» قورام تاشلىقىغا چىقتى. 2
ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى. 3
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا: ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. 4
لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى. 5
ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى. 6
شۇ سۆز بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ سائۇلغا چېقىلغىلى قويمىدى. سائۇل بولسا قوپۇپ غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا كەتتى. 7
ئاندىن داۋۇتمۇ تۇرۇپ غاردىن چىقىپ سائۇلنىڭ كەينىدىن: ــ ئى غوجام پادىشاھ! ــ دەپ چاقىردى. سائۇل كەينىگە قاراۋىدى، داۋۇت ئېگىلىپ يۈزىنى يەرگە ياققان ھالدا تەزىم قىلدى. 8
داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، داۋۇت سېنى قەستلەشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە نېمىشقا قۇلاق سالىلا؟ 9
مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ: ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم. 10
قارىسىلا، ئى ئاتا، قولۇمدىكى تونلىرىنىڭ پېشىگە. سىلىنى ئۆلتۈرمەي تونلىرىنىڭ پېشىنى كەسكەنلىكىمدىن شۇنى بىلسىلەكى، كۆڭلۈمدە سىلىگە يا يامانلىق يا ئاسىيلىق يوق، سىلىگە گۇناھ قىلغىنىم يوق، لېكىن سىلى جېنىمنى ئالغىلى پايلىماقتىلا. 11
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. 12
كونىلار: ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. 13
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىدۇ؟ بىر ئۆلۈك ئىتنى، خالاس! يالغۇز بىر بۈرگىنى، خالاس! 14
پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى. 15
داۋۇت سائۇلغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا سائۇل: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت؟ ــ دېدى. ئاندىن سائۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ كەتتى. 16
ئۇ داۋۇتقا: ــ «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن ماڭا ياخشىلىق قايتۇردۇڭ، لېكىن مەن ساڭا يامانلىق قايتۇردۇم. 17
سەن بۈگۈن ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەردىڭ؛ پەرۋەردىگار مېنى قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. 18
بىرسى ئۆز دۈشمىنىنى تاپسا، ئۇنى ئامان-ئېسەن كەتكىلى قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي. 19
ئەمدى مانا، شۇنى بىلدىمكى، سەن جەزمەن پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا تىكلىنىدۇ. 20
لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى. 21
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلدى. سائۇل ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى؛ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن قورغان-قىياغا چىقىپ شۇ يەردە تۇردى. 22

< سامۇئىل 1 24 >