< سامۇئىل 1 21 >

داۋۇت ئەمدى نوبقا كېلىپ ئاخىمەلەك كاھىننىڭ قېشىغا باردى. لېكىن ئاخىمەلەك داۋۇتنى كۆرگەندە تىترەپ قورقۇپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىرىمۇ سەن بىلەن كەلمەي يالغۇز كەلدىڭ؟ ــ دېدى. 1
داۋۇت ئاخىمەلەك كاھىنغا: ــ پادىشاھ ماڭا مەلۇم بىر ئىشنى بۇيرۇپ: ــ مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىش ياكى ساڭا تاپىلغان يوليورۇق توغرىسىدىن ھېچكىم بىرنېمە بىلمىسۇن، دېگەنىدى. ئۆز غۇلاملىرىمنى بولسا مەلۇم بىر جايغا بېرىشقا بېكىتىپ قويدۇم. 2
ئەمدى قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان، ياكى نېمە بولسا، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. 3
كاھىن داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نان بار. ئەگەر غۇلاملار ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا يېسە راۋا بولىدۇ، دېدى. 4
داۋۇت كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن باشقا ۋاقىتلاردا چىققىنىمغا ئوخشاش، ئاياللار بىزدىن يىراق بولغىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن [ھەرقېتىم] چىققاندا، گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ، دېدى. 5
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى، چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭى ئىسسىق نان قويۇلغان كۈنى ئالماشتۇرۇلغان نانلار ئىدى 6
(لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى). 7
داۋۇت ئاخىمەلەككە: ــ قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ يوقمۇ؟ پادىشاھ تاپشۇرغان ئىش جىددىي بولغاچ ياكى قىلىچ ياكى باشقا ياراغلىرىمنى ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى. 8
كاھىن: ــ سەن ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە بار، ئۇ ئەفودنىڭ كەينىدە، بىر پارچە رەختكە ئوراقلىق ھالدا تۇرىدۇ. خالىساڭ ئالغىن، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق، دېدى. داۋۇت: ــ بۇ تەڭدىشى يوق قىلىچتۇر، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. 9
داۋۇت ئۇ كۈنى قوپۇپ سائۇلدىن قېچىپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. 10
لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ــ دەپ ناخشا-غەزەل ئوقۇشۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان ئەمەسمۇ، دېدى. 11
داۋۇت بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشتىن بەك قورقتى. 12
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزىنى ساراڭدەك كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىپ، تۈكۈرۈكىنى ساقىلىغا ئاقتۇراتتى. 13
ئاقىش خىزمەتكارلىرىغا: ــ مانا بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمسىلەر؟ ئۇنى نېمىشقا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ 14
مەندە ساراڭلار كەمچىلمىدى؟ سىلەر بۇ كىشىنى ئالدىمغا ساراڭلىق قىلغىلى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىشى كېرەكمۇ؟ ــ دېدى. 15

< سامۇئىل 1 21 >