< سامۇئىل 1 20 >

داۋۇت راماھدىكى نايوتتىن قېچىپ يوناتاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ نېمە قەبىھلىك قىلىپتىمەن؟ ئاتاڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. 1
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ يوقسۇ، بۇنداق ئىش نېرى بولسۇن! سەن ئۆلمەيسەن. چوڭ ئىش بولسۇن، كىچىك ئىش بولسۇن ئاتام ماڭا دېمەي قويمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرىدىكىنە؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. 2
لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى. 3
يوناتان داۋۇتقا: ــ كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، دېدى. 4
داۋۇت يوناتانغا مۇنداق دېدى: ــ مانا ئەتە «يېڭى ئاي» بولىدۇ؛ مەن ئادەتتىكىدەك پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولمىسام بولمايدۇ. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ئۈچىنچى كۈنى ئاخشىمىغىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي. 5
ئاتاڭ مېنىڭ سورۇندا يوقلۇقىمنى كۆرۈپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا: «داۋۇت مەندىن ئۆز شەھىرى بەيت-لەھەمگە تېزراق بېرىپ كېلىشكە جىددىي رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتكۈل ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزىدىكەن»، دېگىن، دېدى. 6
ئەگەر ئۇ: ــ ئوبدان بوپتۇ، دېسە، قۇلۇڭ تىنچ-ئامان بولىدۇ: ــ لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، ئۇنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغىن. 7
سەن قۇلۇڭغا ئىلتىپات كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنى ئەھدىلەشتۈرگەنسەن. لېكىن ئەگەر مەندە بىر يامانلىق بولسا سەن ئۆزۈڭلا مېنى ئۆلتۈرگىن؛ مېنى ئېلىپ بېرىپ ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ــ دېدى. 8
يوناتان: ــ ئۇنداق خىيال سەندىن نېرى بولسۇن! ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 9
داۋۇت يوناتانغا: ــ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قاتتىق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ ــ دېدى. 10
يوناتان داۋۇتقا: ــ كەلگىن، دالاغا چىقايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى. 11
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [گۇۋاھكى]، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنى بىلىپ، ساڭا ئىلتىپاتلىق بولسا، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ساڭا مەلۇم قىلمامدىم؟ 12
ئەگەر ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن سېنى تىنچ-ئامان يولغا سېلىش ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ خەۋەر بەرمىسەم، پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن؛ ئەمدى پەرۋەردىگار ئاتام بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن. 13
ھاياتلا بولسام مېنى ئۆلمىسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن. 14
مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن». 15
شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇتنىڭ جەمەتى بىلەن ئەھدە قىلىشىپ: ــ پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالسۇن، دېدى. 16
ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. 17
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقىڭغا دىققەت قىلىدۇ. 18
ئۈچىنچى كۈنى سەن چۈشۈپ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان جايغا بېرىپ «ئېزەل» دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن. 19
مەن تاشنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا خۇددى نىشاننى قارالىغاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتاي. 20
ئاندىن غۇلامنى ماڭدۇرۇپ: ــ «يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» ــ دەيمەن. ئەگەر مەن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئارقا تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەل، دېسەم، سەن چىقىپ يېنىمغا كەلگىن؛ شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ. 21
لېكىن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئالدىڭدا تۇرىدۇ، دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار سېنى كەتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. 22
ئەمدىلىكتە مەن بىلەن سەن سۆزلەشكەن ئىش توغرۇلۇق، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا گۇۋاھچىدۇر. 23
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ تائام يېگىلى داستىخاندا ئولتۇردى. 24
پادىشاھ بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ئورنىدا تامنىڭ يېنىدىكى تۆردە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى، ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالدى. 25
ئەمما سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇ: ــ داۋۇتقا بىر ئىش بولدى، ئۇ ناپاك بولۇپ قالدى. ئۇ جەزمەن ناپاك بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. 26
لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئەتىسىمۇ، يەنى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش ئىدى. سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: ــ نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلى ياكى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن تاماققا كەلمەيدۇ، دەپ سورىدى. 27
يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت بەيت-لەھەمگە بارغىلى مەندىن جىددىي رۇخسەت سوراپ: ــ 28
مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، ئائىلىمىزنىڭ شەھەردە بىر قۇربانلىق ئىشى بولغاچ ئاكام مېنىڭ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ؛ ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە رۇخسەت بەرگىن، دېدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كەلمىدى، دېدى. 29
سائۇلنىڭ يوناتانغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ: ــ ئى بۇزۇق، كاج خوتۇننىڭ ئوغلى، نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلىنى ئۆزۈڭگە تاللاپ، ئۆزۈڭنى شەرمەندە قىلىپ ۋە ئاناڭنى نومۇسقا قويغىنىڭنى بىلمەمدىمەن؟ 30
ئەگەر يەسسەنىڭ ئوغلى يەر يۈزىدە تىرىك بولسىلا، سەن ھەم سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە مەھكەمدۇر! ــ دېدى. 31
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؟ ئۇ نېمە قىپتۇ؟ ــ دېدى. 32
ئاندىن سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەيزىنى ئاتتى؛ بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتتى. 33
يوناتان بولسا قاتتىق ئاچچىقلاپ داستىخاندىن قوپۇپ كەتتى ۋە يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېچ تائام يېمىدى. چۈنكى ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى شۇنداق ھاقارەتلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بولغانىدى. 34
ئەتىسى يوناتان دالاغا چىقىپ داۋۇت بىلەن كېلىشكەن جايغا باردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك غۇلام بىللە باردى. 35
ئۇ غۇلامغا: ــ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. غۇلام يۈگۈردى، ئۇ بىر ئوقنى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتتى. 36
غۇلام يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن جايغا كەلگەندە يوناتان غۇلامنى چاقىرىپ: ــ ئوق سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟ ــ دېدى. 37
ئاندىن يوناتان غۇلامنى يەنە چاقىرىپ: ــ بول، ئىتتىك بول، ھايال بولمىغىن! ــ دېدى. يوناتاننىڭ غۇلامى يا ئوقىنى يىغىپ غوجىسىغا ئېلىپ كەلدى. 38
لېكىن غۇلامنىڭ بولغان ئىشتىن خەۋىرى ئۇق ئىدى. بۇنى يالغۇز يوناتان بىلەن داۋۇتلا بىلەتتى. 39
ئاندىن يوناتان غۇلامىغا ياراغلىرىنى بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن، دېدى. 40
غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى. 41
يوناتان داۋۇتقا: ــ سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى. 42

< سامۇئىل 1 20 >