< سامۇئىل 1 19 >

سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىگە داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا بەك ئامراق ئىدى. 1
يوناتان داۋۇتقا: ــ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى؛ ئەمدى ئەتە ئەتىگەن قاتتىق ئېھتىيات قىلغىن، بىر مەخپىي جاينى تېپىپ ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ 2
مەن ئۆزۈم چىقىپ سەن يوشۇرۇنغان ئېتىزلىققا بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاتام بىلەن سېنىڭ توغراڭدا سۆزلىشىپ باقاي؛ ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ساڭا خەۋەر قىلاي، دېدى. 3
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: ــ پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارىغا، يەنى داۋۇتقا يامانلىق قىلمىغاي! چۈنكى ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان؛ بەلكى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆزۈڭگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن: ــ 4
ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قوپۇپ ھېلىقى فىلىستىينى ئۆلتۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن چوڭ نۇسرەت بەردى. شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭ كۆرۈپ خۇش بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇتنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكۈپ گۇناھكار بولماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى. 5
سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە كىردى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمايدۇ، دېدى. 6
ئاندىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ، داۋۇتقا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 7
ئەمما يەنە جەڭ بولدى؛ داۋۇت چىقىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىرىپ مەغلۇپ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قېچىستى. 8
ئەمدى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ يەنە سائۇلنى باستى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى؛ داۋۇت بولسا قولى بىلەن ساز چېلىپ تۇراتتى. 9
سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇتنى سانجىپ تامغا قاداپ قويماقچى بولىۋىدى، لېكىن داۋۇت ئۆزىنى قاچۇرۇۋالدى، نەيزە تامغا قادىلىپ قالدى. داۋۇت شۇ كېچىسى قېچىپ قۇتۇلدى. 10
سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى. 11
شۇڭا مىقال داۋۇتنى پەنجىردىن چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى. 12
ئاندىن مىقال بىر «تەرافىم» بۇتنى ئېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان بىر ياستۇقنى قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويدى. 13
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكەندە مىقال: ــ ئۇ ئاغرىپ قالدى، دېدى. 14
سائۇل چاپارمەنلەرنى [قايتىدىن] ئەۋەتىپ: ــ ئۇنى كارىۋات بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ بۇيرۇدى. 15
چاپارمەنلەر كىرگەندە، مانا كارىۋاتتا بۇ بۇت ياتاتتى، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان ياستۇق قويۇلغانىدى. 16
سائۇل مىقالغا: ــ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ ــ دېدى. مىقال سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن؛ بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، دېدى. 17
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلۇپ، راماھقا سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئىل بىلەن نايوتقا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. 18
بىرسى سائۇلغا: ــ داۋۇت راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ خەۋەر بەردى. 19
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئەمما ئۇلار يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر جامائىتى بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئىلنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشۈپ، ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. 20
بۇ خەۋەر سائۇلغا ئېيتىلدى؛ ئۇ يەنە باشقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. ئاندىن سائۇل ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. 21
ئاندىن سائۇل ئۆزى راماھقا بېرىپ، سەقۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يېتىپ كەلگەندە، «سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە؟» ــ دەپ سورىدى. بىرسى: ــ ئۇلار راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى. 22
شۇڭا ئۇ راماھدىكى نايوتقا يېتىپ كەلدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پىيادە مېڭىپ راماھدىكى نايوتقا بارغۇچە بېشارەت بېرىپ ماڭدى. 23
ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدا بېشارەت بەردى؛ پۈتۈن بىر كېچە ۋە پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇ يەردە يالىڭاچ ياتتى. بۇنىڭ بىلەن: ــ «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. 24

< سامۇئىل 1 19 >