< سامۇئىل 1 18 >

داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى. 1
Dawut bilǝn Saulning sɵⱨbiti ayaƣlaxⱪanda, Yonatanning kɵngli Dawutning kɵngligǝ xundaⱪ baƣlandiki, uni ɵz jenidǝk sɵydi.
سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى. 2
Saul bolsa u küni uni ɵz yenida elip ⱪelip, uni atisining ɵyigǝ ⱪaytⱪili ⱪoymidi.
يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. 3
Yonatan Dawut bilǝn ǝⱨdǝ ⱪilixti; qünki u uni ɵz jenidǝk sɵyǝtti.
يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى. 4
Yonatan uqisidiki tonni selip Dawutⱪa bǝrdi, yǝnǝ jǝng kiyimlirini, jümlidin ⱨǝtta ⱪiliqi, oⱪyasi wǝ kǝmirinimu uningƣa bǝrdi.
سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ئەۋەتسە ئۇ شۇ يەرگە باراتتى، شۇنداقلا ئىشلارنى جايىدا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئىش بارلىق خەلققە ۋە ھەم سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ ياقتى. 5
Saul Dawutni nǝgila ǝwǝtsǝ u xu yǝrgǝ baratti, xundaⱪla ixlarni jayida ⱪilatti. Xuning üqün Saul uni lǝxkǝrlǝrning üstigǝ ⱪoydi. Bu ix barliⱪ hǝlⱪⱪǝ wǝ ⱨǝm Saulning hizmǝtkarliriƣimu yaⱪti.
داۋۇت فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن يانغاندا ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىكى قىز-ئاياللار سائۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغىلى چىقتى؛ ئۇلار خۇشلۇق ئىچىدە داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىشتى. 6
Dawut Filistiyni ɵltürüp kɵpqilik bilǝn yanƣanda Israilning ⱨǝmmǝ xǝⱨǝrliridiki ⱪiz-ayallar Saulni nahxa eytip ussul oynap ⱪarxi alƣili qiⱪti; ular huxluⱪ iqidǝ dap wǝ üqtar bilǝn nǝƣmǝ qelixti.
قىز-ئاياللار نەغمە چالغاندا: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى. 7
Ⱪiz-ayallar nǝƣmǝ qalƣanda: — Saul minglap ɵltürdi, wǝ Dawut on minglap ɵltürdi, dǝp oⱪuxatti.
بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى. 8
Buni anglap Saul naⱨayiti hapa boldi; bu sɵz uning kɵngligǝ tǝgdi. U: — Dawutⱪa on minglap ⱨesablandi, ǝmma manga pǝⱪǝt minglap ⱨesablandi; ǝmdi padixaⱨliⱪtin baxⱪa uningƣa ⱨeqnǝrsǝ kǝm ǝmǝs, dedi.
شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇتنى كۆزلەپ يۈردى. 9
Xu kündin tartip Saul Dawutni kɵzlǝp yürdi.
ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى. ئەمدى داۋۇت باشقا ۋاقىتتىكىدەك قولى بىلەن چىلتار چالدى؛ سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 10
Ətisi Huda tǝripidin ⱪabaⱨǝtlik bir roⱨ Saulning üstigǝ qüxti wǝ u ɵyidǝ ⱪalaymiⱪan jɵyligili turdi. Əmdi Dawut baxⱪa waⱪittikidǝk ⱪoli bilǝn qiltar qaldi; Saulning ⱪolida nǝyzǝ bar idi.
سائۇل: ــ داۋۇتنى تامغا نەيزە بىلەن قادىۋېتىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى؛ لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. 11
Saul: — Dawutni tamƣa nǝyzǝ bilǝn ⱪadiwetimǝn dǝp, nǝyzini atti; lekin Dawut ikki ⱪetim ɵzini daldiƣa aldi.
پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەنلا بولۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكىنى ئۈچۈن سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. 12
Pǝrwǝrdigarning Dawut bilǝnla bolup, ɵzidin yiraⱪlap kǝtkini üqün Saul Dawuttin ⱪorⱪatti.
شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل داۋۇتنى ئۆز يېنىدىن ئايرىپ، ئۇنى لەشكەرلەرگە مىڭبېشى قىلىپ قويدى؛ ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى. 13
Xuning üqün Saul Dawutni ɵz yenidin ayrip, uni lǝxkǝrlǝrgǝ mingbexi ⱪilip ⱪoydi; u lǝxkǝrlǝrni elip jǝnggǝ qiⱪip turatti.
داۋۇت بولسا ھەممە ئىشلارنى پەم بىلەن قىلاتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 14
Dawut bolsa ⱨǝmmǝ ixlarni pǝm bilǝn ⱪilatti; qünki Pǝrwǝrdigar uning bilǝn billǝ idi.
سائۇل ئۇنىڭ پەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى. 15
Saul uning pǝmlik ikǝnlikini kɵrüp uningdin bǝk ⱪorⱪatti.
ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا خەلقى داۋۇتنى سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى. 16
Əmma pütkül Israil bilǝn Yǝⱨuda hǝlⱪi Dawutni sɵyǝtti; qünki u ularni yetǝklǝp jǝnggǝ qiⱪatti.
سائۇل داۋۇتقا: ــ مانا، چوڭ قىزىم مېراب ــ مەن ئۇنى ساڭا خوتۇنلۇققا بەرگۈم بار. سەن پەقەت خىزمىتىمگە جان-پىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە كۈرەش قىلغىن، دېدى. چۈنكى سائۇل ئىچىدە: ــ ئۇ مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيلەرنىڭ قولى بىلەن يوقىتىلسۇن، دەپ خىيال قىلغانىدى. 17
Saul Dawutⱪa: — Mana, qong ⱪizim Merab — mǝn uni sanga hotunluⱪⱪa bǝrgüm bar. Sǝn pǝⱪǝt hizmitimgǝ jan-pida bolup, Pǝrwǝrdigarning jǝngliridǝ kürǝx ⱪilƣin, dedi. Qünki Saul iqidǝ: — U mening ⱪolum bilǝn ǝmǝs, bǝlki Filistiylǝrning ⱪoli bilǝn yoⱪitilsun, dǝp hiyal ⱪilƣanidi.
ئەمما داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى. 18
Əmma Dawut Saulƣa: — Mǝn kim idim, mening atamning jǝmǝti Israil arisida nemǝ idi, mǝn ⱪandaⱪmu padixaⱨning küy’oƣli bolay? — dedi.
لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەھولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىلدى. 19
Lekin Saulning ⱪizi Merab Dawutⱪa berilidiƣan waⱪitta, u Mǝⱨolatliⱪ Adriǝlgǝ hotunluⱪⱪa berildi.
ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىقالنىڭ كۆڭلى داۋۇتقا چۈشكەنىدى. باشقىلار بۇنى سائۇلغا ئېيتتى، بۇ ئىشتىن سائۇل خۇش بولدى. 20
Əmma Saulning ⱪizi Miⱪalning kɵngli Dawutⱪa qüxkǝnidi. Baxⱪilar buni Saulƣa eytti, bu ixtin Saul hux boldi.
سائۇل: ــ قىزىمنى داۋۇتقا بېرەي، ئۇ ئۇنىڭغا بىر سىرتماق بولۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىلسۇن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتقا: ــ بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۈيئوغلۇم بولىسەن، دېدى. 21
Saul: — Ⱪizimni Dawutⱪa berǝy, u uningƣa bir sirtmaⱪ bolup, Filistiylǝrning ⱪolida yoⱪitilsun, dǝp oylidi. Xuning bilǝn Saul Dawutⱪa: — Bügün ikkinqi ⱪetim küy’oƣlum bolisǝn, dedi.
سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا: ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن: ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى. 22
Saul ɵz ƣulamliriƣa: — Dawutⱪa astirtin: — Mana, padixaⱨ sǝndin sɵyünidu, wǝ ⱨǝmmǝ ƣulamliri sanga amraⱪ. Xuning üqün padixaⱨning küy’oƣli bolƣin, dǝp eytinglar, dǝp tapilidi.
سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت: ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى. 23
Saulning ƣulamliri bu sɵzlǝrni Dawutning ⱪuliⱪiƣa yǝtküzdi. Lekin Dawut: — Nǝziringlarda padixaⱨning küy’oƣli bolux kiqik ixmu? Mǝn bolsam bir kǝmbǝƣǝl wǝ ǝtiwarsiz adǝmmǝn — dedi.
سائۇلنىڭ غۇلاملىرى سائۇلغا داۋۇتنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى. 24
Saulning ƣulamliri Saulƣa Dawutning degǝnlirini ɵz ǝyni yǝtküzdi.
سائۇل: ــ سىلەر داۋۇتقا: ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى). 25
Saul: — Silǝr Dawutⱪa: — Padixaⱨ sanga baxⱪa toyluⱪ alƣuzmaydu, pǝⱪǝt padixaⱨ düxmǝnliridin intiⱪam elix üqün yüz Filistiyning hǝtnilikinila alidu, dǝp eytinglar, dedi (Saulning mǝⱪsiti bolsa Dawutni Filistiylǝrning ⱪolida yoⱪitix idi).
غۇلاملار بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يەتكۈزدى؛ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش داۋۇتقا يېقىپ قالدى. ئەمدى بېكىتىلگەن مۆھلەت توشمايلا، 26
Ƣulamlar bu sɵzlǝrni Dawutⱪa yǝtküzdi; padixaⱨning küy’oƣli bolux Dawutⱪa yeⱪip ⱪaldi. Əmdi bekitilgǝn mɵⱨlǝt toxmayla,
داۋۇت تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىينى ئۆلتۈردى. داۋۇت ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ ئېلىپ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا تاپشۇردى. سائۇل قىزى مىقالنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 27
Dawut turup ɵz adǝmliri bilǝn qiⱪip ikki yüz Filistiyni ɵltürdi. Dawut ularning hǝtnilikini kesip elip padixaⱨning küy’oƣli bolux üqün bularning ⱨǝmmisini padixaⱨⱪa tapxurdi. Saul ⱪizi Miⱪalni uningƣa hotunluⱪⱪa bǝrdi.
سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز قىزى مىقالنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ 28
Saul Pǝrwǝrdigarning Dawut bilǝn billǝ ikǝnlikini wǝ ɵz ⱪizi Miⱪalning uni sɵyidiƣanliⱪini kɵrüp
داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۈزلۈكسىز داۋۇتقا دۈشمەن بولدى. 29
Dawuttin tehimu ⱪorⱪti. Xuning bilǝn Saul üzlüksiz Dawutⱪa düxmǝn boldi.
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى دائىم سوقۇشقا چىقاتتى؛ ئەمما ھەر قېتىم چىقسىلا داۋۇتنىڭ ئىشلىرى سائۇلنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى [خالايىق] تەرىپىدىن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى. 30
Filistiylǝrning ǝmirliri daim soⱪuxⱪa qiⱪatti; ǝmma ⱨǝr ⱪetim qiⱪsila Dawutning ixliri Saulning ⱨǝmmǝ hizmǝtkarliriningkidin muwǝppǝⱪiyǝtlik bolatti; xuning bilǝn uning nami [halayiⱪ] tǝripidin tolimu ⱨɵrmǝtkǝ sazawǝr bolatti.

< سامۇئىل 1 18 >