< سامۇئىل 1 17 >

ئەمما فىلىستىيلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئۇلار يەھۇداغا تەۋە سوكوھدا جەم بولۇپ، سوكوھ بىلەن ئازىكاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىمدا چېدىرلارنى تىكتى. 1
سائۇل بىلەن ئىسرائىللارمۇ جەم بولۇپ ئېلاھ جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى سەپ تۈزدى. 2
فىلىستىيلەر بىر تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار يەنە بىر تەرەپتىكى تاغدا تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدا جىلغا بار ئىدى. 3
شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن گاتلىق گولىئات ئىسىملىك بىر چېمپىيون پالۋان چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە گەز بىر غېرىچ ئىدى. 4
بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا قاسىراقلىق ساۋۇت كىيگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مىس ساۋۇتى بولسا بەش مىڭ شەكەل كېلەتتى. 5
پاچاقلىرىغا مىستىن تىزلىق باغلىغان، ئۆشنىسىگە مىس ئاتما نەيزە قىستۇرىۋالغانىدى. 6
ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. 7
ئۇ ئورنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق توۋلايتتى: ــ «سىلەر نېمىشقا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزگەنسىلەر؟ مەن فىلىستىي ئەمەسمۇ؟ سىلەر بولساڭلار سائۇلنىڭ قۇللىرىغۇ؟ ئاراڭلاردىن بىر ئادەمنى تاللاپ چىقىڭلار، ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىشقا چۈشسۇن! 8
ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر». 9
شۇ فىلىستىي يەنە سۆز قىلىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلدىمغۇ؟ سىلەر بىر ئادەمنى چىقىرىڭلار، بىز ئېلىشايلى! ــ دېدى. 10
سائۇل بىلەن ھەممە ئىسرائىل بۇ فىلىستىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ بەك قورقتى. 11
داۋۇت يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق يەسسە دېگەن ئەفراتلىق ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. يەسسەنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. 12
يەسسەنىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى ئېلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ شامماھ ئىدى. 13
داۋۇت ھەممىدىن كىچىكى ئىدى. ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇلغا ئەگىشىپ چىققانىدى. 14
بەزىدە داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كېلەتتى. 15
ئاشۇ فىلىستىي بولسا قىرىق كۈنگىچىلىك ھەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىقىپ تۇردى. 16
يەسسە ئوغلى داۋۇتقا: ــ بۇ ئەفاھ قوماچنى ۋە بۇ ئون ناننى ئېلىپ لەشكەرگاھغا تېز بېرىپ ئاكىلىرىڭغا بەرگىن، 17
بۇ ئون پارچە قۇرۇتنى ئۇلارنىڭ مىڭبېشىغا بېرىپ ئاكىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارنىڭ كېپىل خېتىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 18
سائۇل، شۇ [ئۈچ ئوغۇل] ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېلاھ جىلغىسىدا تۇرۇپ فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭ قىلاتتى. 19
داۋۇت بولسا ئەتىسى سەھەر قوپۇپ قويلارنى بىر باققۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئاشلىق-تۈلۈكنى ئېلىپ يەسسە ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك، قوشۇن ئىستىھكامىغا يەتكەندە، جەڭگە چىقىدىغان لەشكەرلەر سۆرەن كۆتۈرۈۋاتقانىدى. 20
ئىسرائىل ۋە فىلىستىيلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ سوقۇشقا سەپ تۈزدى. 21
داۋۇت بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ سەپ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى. 22
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، فىلىستىيلەردىن بولغان گولىئات دېگەن چېمپىئون پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ سېپىدىن چىقىپ يەنە ھېلىقى گەپنى قىلدى؛ داۋۇت ئۇنى ئاڭلىدى. 23
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىشتى ۋە بەك قورقتى. 24
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى. 25
داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى. 26
خالايىق ئۇنىڭغا ئالدىنقىلارنىڭ دېگەن سۆزى بويىچە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە مۇنداق-مۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. 27
لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىئاب ئۇنىڭ ئۇ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدى؛ ئېلىئابنىڭ داۋۇتقا ئاچچىقى كېلىپ: ــ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ چۆلدىكى ئۇ ئازغىنە قوينى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ مەن كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. سەن ئالايىتەن جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، دېدى. 28
داۋۇت: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ پەقەت بىر سۆز قىلسام بولمامدىكەن؟ ــ دېدى. 29
داۋۇت بۇرۇلۇپ باشقىسىدىن ئالدىنقىدەك سورىدى، خەلق ئالدىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. 30
ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى. 31
داۋۇت سائۇلغا: ــ بۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرىكى سۇ بولمىسۇن. سىلىنىڭ قۇللىرى بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ، دېدى. 32
سائۇل داۋۇتقا: ــ سەن بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى بارساڭ بولمايدۇ! سەن تېخى ياش، ئەمما ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپلا جەڭچى ئىدى، دېدى. 33
داۋۇت سائۇلغا: ــ قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە، 34
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم. 35
قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى. 36
داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: ــ بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى. 37
ئاندىن سائۇل داۋۇتقا ئۆز جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا مىس دۇبۇلغىنى تاقاپ ۋە ئۇنىڭغا بىر جەڭ ساۋۇتىنى كىيگۈزدى. 38
داۋۇت بولسا سائۇلنىڭ قىلىچىنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ، مېڭىپ باقتى؛ چۈنكى ئۇ بۇلارنى كىيىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن بۇلارنى كىيىپ ماڭالمايدىكەنمەن؛ چۈنكى بۇرۇن كىيىپ باقمىغان، دەپ ئۇلارنى سېلىۋەتتى. 39
ئۇ قولىغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ئېرىقتىن بەش سىلىق تاش ئىلغاپ پادىچى خالتىسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى؛ ئۇ سالغۇسىنى قولىغا ئېلىپ فىلىستىيگە يېقىن باردى. 40
فىلىستىي بولسا چىقىپ داۋۇتقا يېقىنلاشتى، قالقان كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 41
فىلىستىي داۋۇتقا بىرقۇر سەپسېلىپ قاراپ مەسخىرە قىلدى. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، بۇغداي ئۆڭلۈك ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. 42
فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى. 43
فىلىستىي داۋۇتقا يەنە: ــ بۇ ياققا كەل، مەن گۆشۈڭنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىمەن، دېدى. 44
داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى. 45
«دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ 46
ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». 47
فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى. 48
داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. 49
شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى. 50
داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى. 51
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بولسا ئورنىدىن قوپۇپ سۆرەن سېلىشىپ فىلىستىيلەرنى جىلغىغىچە ۋە ئەكرون دەرۋازىلىرىغىچە كەينىدىن قوغلاپ كەلدى؛ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيلەر شائارائىمغا بارىدىغان يولدا گات ۋە ئەكرونغىچە يېتىپ كەتكەنىدى. 52
ئىسرائىل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن يېنىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 53
داۋۇت فىلىستىينىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇنىڭ يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىغا قويدى. 54
سائۇل داۋۇتنىڭ فىلىستىينىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرگەندە قوشۇننىڭ سەردارى ئابنەردىن: ــ ئى ئابنەر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. ئابنەر: ــ ئى پادىشاھ، ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىلمەيمەن، دېدى. 55
پادىشاھ: ــ بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن دەپ سوراپ باققىن، دېدى. 56
داۋۇت فىلىستىينى قىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابنەر ئۇنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ فىلىستىينىڭ بېشى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. 57
سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. 58

< سامۇئىل 1 17 >