< سامۇئىل 1 15 >

ئەمدى سامۇئىل سائۇلغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن مەسىھ قىلغىلى مېنى ئەۋەتكەنىدى؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن. 1
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئامالەكلەرنىڭ ئىسرائىلغا قىلغان مۇئامىلىسىنى، يەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ يولدا ئۇلارغا قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن. 2
ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى. 3
سائۇل خەلقنى جەم قىلىپ ئۇلارنى تەلائىم شەھىرىدە سانىۋىدى، ئىككى يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەر، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەم چىقتى. 4
سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ۋادىدا بۆكتۈرمە قويدى. 5
ئاندىن سائۇل كېنىيلەرگە: ــ چىقىپ كېتىڭلار، سىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ يوقاتماسلىقىم ئۈچۈن ئامالەكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېنىيلەر ئامالەكلەردىن چىقىپ كەتتى. 6
ئەمدى سائۇل ئامالەكلەرنى ھاۋىلاھدىن تارتىپ مىسىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى شۇرغىچە قوغلاپ ئۇردى. 7
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى. 8
لېكىن سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى ئايىدى ۋە قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئاياپ ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى؛ لېكىن نېمە يارىماس ۋە زەئىپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار يوقاتتى. 9
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 10
«سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى. 11
ئەتىسى سامۇئىل سائۇلنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇردى. سامۇئىلغا: ــ سائۇل كارمەلگە باردى ۋە مانا، ئۇ ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يېنىپ گىلگالغا چۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. 12
سامۇئىل سائۇلنىڭ قېشىغا كەلگەندە سائۇل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى مۇبارەكلىگەي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلدىم، دېدى. 13
لېكىن سامۇئىل: ــ ئۇنداق بولسا قۇلىقىمغا ئاڭلانغان قوينىڭ مەرىشى بىلەن مەن ئاڭلاۋاتقان كالىنىڭ مۆرىشى زادى نەدىن كەلدى؟ ــ دېدى. 14
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ئامالەكلەردىن ئېلىپ كېلىندى؛ چۈنكى خەلق خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي-كالىنىڭ ئېسىللىرىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويدى؛ قالغىنىنى بولسا پۈتۈنلەي يوقاتتۇق، دېدى. 15
سامۇئىل سائۇلغا: ــ قوي، بۇ گېپىڭنى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ كېچە ماڭا نېمە دېگىنىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقىن، دېدى. 16
سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟ 17
ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى. 18
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى ئولجا ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاننى قىلدىڭ؟ 19
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمغۇ! پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن يول بىلەن ماڭدىم ۋە ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئېلىپ كېلىپ ئامالەكلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. 20
ئەمما خەلق بولسا ئولجىدىن قوي بىلەن كالا، يەنى يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا گىلگالدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى. 21
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. 22
چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، ــ دېدى. 23
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم. 24
ئەمدى گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن؛ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشىم ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن قايتىپ بارغىن، دېدى. 25
سامۇئىل سائۇلغا: ــ مەن سېنىڭ بىلەن قايتىپ بارمايمەن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغانسەن، ۋە پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى. 26
سامۇئىل كېتىشكە بۇرۇلغىنىدا سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىرتىلىپ كەتتى. 27
سامۇئىل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى سەندىن يىرتىپ ئېلىپ سەندىن ئەۋزەل بولغان بىر يېقىنىڭغا تاپشۇردى. 28
ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى يالغان سۆزلىمەيدۇ ياكى نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بالىسىدەك نىيىتىدىن يانغۇچى ئەمەستۇر، دېدى. 29
سائۇل: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم. لېكىن خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئىززەت قىلىپ مېنىڭ بىلەن يېنىپ بارغىن؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلالايمەن، دېدى. 30
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل سائۇل بىلەن يېنىپ باردى ۋە سائۇل پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 31
ئاندىن سامۇئىل: ــ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. 32
ئەمما سامۇئىل: ــ سېنىڭ قىلىچىڭ خوتۇنلارنى بالىسىز قىلغاندەك سېنىڭ ئاناڭمۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بالىسىز بولىدۇ، دېۋىدى، سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چاناپ پارە-پارە قىلدى. 33
ئاندىن سامۇئىل راماھقا باردى. سائۇل بولسا «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» دېگەن جايدىكى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. 34
سامۇئىل ئۆلگەن كۈنىگىچە سائۇل بىلەن قايتا كۆرۈشمىدى. ئەمما سامۇئىل سائۇل ئۈچۈن قايغۇردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. 35

< سامۇئىل 1 15 >