< سامۇئىل 1 14 >

بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەلگىن، ئۇدۇلىمىزدىكى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ يېنىغا چىقايلى، دېدى. ئەمما ئۇ ئاتىسىغا ھېچنېمە دېمىدى. 1
سائۇل بولسا گىبېئاھنىڭ چېتىدىكى مىگروندىكى ئانار دەرىخىنىڭ تېگىدە قالدى. ئۇنىڭ قېشىدىكى خەلق ئالتە يۈزچە ئىدى 2
(ئۇ ۋاقىتتا ئەفودنى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئىخابودنىڭ ئاكىسى ئاخىياھ كىيەتتى؛ ئۇ شىلوھدا تۇرۇۋاتقان، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى ئىدى. ئاخىتۇب فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىنىڭ ئوغلى ئىدى). خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنلىكىنى بىلمىگەنىدى. 3
يوناتان فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغان داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۈۋرۈكتەك تىك قىيا تاشلار بار ئىدى. بىرىنىڭ نامى بوزەز، يەنە بىرىنىڭ نامى سەنەھ ئىدى. 4
بىر قىيا تاش شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، مىخماش بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، يەنە بىرى جەبۇب تەرىپىدە گېبانىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. 5
يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەل، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە چىقايلى؛ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ھېچ توسالغۇ بولمايدۇ، دېدى. 6
ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭغا: ــ كۆڭلۈڭدە ھەر نېمە بولسا شۇنى قىلغىن؛ بارغىن، مانا، كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا مەن سەن بىلەن بىللىمەن، دېدى. 7
يوناتان: ــ مانا، بىز ئۇ ئادەملەر تەرەپكە چىقىپ ئۆزىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتەيلى؛ 8
ئەگەر ئۇلار بىزگە: ــ بىز سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارغۇچە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېسە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماي ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى؛ 9
لېكىن ئۇلار: ــ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىڭلار، دېسە، چىقايلى. چۈنكى شۇنداق بولسا پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولىمىزغا بېرىپتۇ، دەپ بىلىمىز؛ مۇشۇنداق ئىش بىزگە بىر بېشارەت بولىدۇ، دېدى. 10
ئىككىيلەن ئۆزىنى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە كۆرسەتتى. فىلىستىيلەر: ــ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزىنى يوشۇرغان ئازگاللاردىن چىقىۋاتىدۇ، دېدى. 11
ئەترەتتىكىلەر يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ بىزگە چىقىڭلار، بىز سىلەرگە بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز، دېدى. يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ ماڭا ئەگىشىپ چىققىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا بەردى، دېدى. 12
يوناتان قول-پۇتلىرى بىلەن ئۆمۈلەپ چىقتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى. فىلىستىيلەر يوناتاننىڭ ئالدىدا يىقىلىشتى؛ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنى قەتل قىلدى. 13
شۇ تۇنجى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن يېرىم قوشلۇق يەردە ئۆلتۈرگەنلەر يىگىرمىدەك ئادەم ئىدى. 14
ئاندىن لەشكەرگاھدىكىكەرنى، دالادا تۇرۇۋاتقانلارنى، بارلىق ئەترەتلەردىكىلەرنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنى تىترەك باستى. ئۇلار ھەم تىترەپ قورقتى، يەرمۇ تەۋرىنىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ چوڭ قورقۇنچ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەنىدى. 15
ئەمدى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا تۇرۇۋاتقان پايلاقچىلار كۆردىكى، مانا، لەشكەر توپلىرى تارمار بولۇپ ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشۈپ كەتتى. 16
سائۇل قېشىدىكى خەلققە: ئادەملىرىمىزنى ساناپ كىمنىڭ بۇ يەردىن كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاڭلار، دېدى. ئۇلار سانىۋىدى، مانا، يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق چىقتى. 17
سائۇل ئاخىياھقا: ــ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 18
سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدا بولغان غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. سائۇل كاھىنغا: ــ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى. 19
ئاندىن سائۇل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق يىغىلىپ جەڭگە چىقتى؛ ۋە مانا، فىلىستىيلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز سەپدىشىغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ زور پاراكەندىلىك بولدى. 20
ئۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان، ئۇلار بىلەن بىللە لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىغا چىققان ئىبرانىيلار بار ئىدى؛ ئۇلارمۇ سائۇل ۋە يوناتان بىلەن بىللە بولغان ئىسرائىللارغا قوشۇلدى. 21
شۇنىڭدەك ئەفرائىم تاغلىرىدا ئۆزىنى يوشۇرغان ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ قاچقىنىنى ئاڭلىغاندا سوقۇشقا چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. 22
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى. سوقۇش بەيت-ئاۋەننىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتى. 23
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى. 24
ئەمما بارلىق زېمىندىكى قوشۇن بىر ئورمانلىققا كىرگەندە يەر يۈزىدە ھەسەل بار ئىدى. 25
خەلق ئورمانلىققا كىرگەندە، مانا بۇ ھەسەل ئېقىپ تۇراتتى؛ لېكىن ھېچكىم قولىنى ئاغزىغا كۆتۈرمىدى، چۈنكى خەلق قەسەمدىن قورقاتتى. 26
لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلققە قەسەم ئىچكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى ھاسىنى سۇنۇپ ئۇچىنى ھەسەل كۆنىكىگە تىقىپ قولى بىلەن ئاغزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ كۆزلىرى نۇرلاندى. 27
ئەمما خەلقتىن بىرى: سېنىڭ ئاتاڭ خەلققە چىڭ قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ بۈگۈن تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن! دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھالسىزلىنىپ كەتتى، دېدى. 28
يوناتان: ــ مېنىڭ ئاتام زېمىنغا ئازار بەردى؛ قاراڭلار، بۇ ھەسەلدىن كىچىككىنە تېتىشىم بىلەنلا كۆزلىرىمنىڭ شۇنچە نۇرلانغىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ 29
خەلق بۈگۈن دۈشمەنلەردىن تارتىۋالغان ئولجىدىن خالىغىنىنى يېگەن بولسا فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ زور بولماسمىدى؟ ــ دېدى. 30
ئاشۇ كۈنى ئۇلار مىكماشتىن تارتىپ فىلىستىيلەرنى قوغلاپ ئايجالونغىچە ئۇرۇپ قىرىشتى؛ خەلق تولا ھېرىپ كەتكەنىدى. 31
شۇنىڭ بىلەن خەلق ئولجا ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى تۇتۇپ شۇ يەردىلا سويدى. ئاندىن خەلق گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەيلا يېدى. 32
سائۇلغا خەۋەر كېلىپ: مانا، خەلق قاننى ئادالىۋەتمەيلا گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىلدى. ئۇ: سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار! ئەمدى بۇ يەرگە يېنىمغا چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، دېدى. 33
سائۇل يەنە: سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىپ ئۇلارغا: ھەربىرى ئۆز كالىسىنى، ئۆز قويىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن؛ لېكىن گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەي يەپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلماڭلار، دەڭلار، دېدى. بۇ كېچە خەلقنىڭ ھەممىسى ھەربىرى ئۆز كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇ يەردە سويدى. 34
سائۇل بولسا پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ياسىغان تۇنجى قۇربانگاھى ئىدى. 35
سائۇل: ــ بۇ كېچىدە فىلىستىيلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تالاپ ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى، دېدى. خەلق: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن كاھىن سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا كىرىپ [يوليورۇق سوراپ] چىقايلى، دېدى. 36
سائۇل خۇدادىن: ــ يا فىلىستىيلەرنىڭ كەينىدىن چۈشۈيمۇ؟ سەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ كۈنى ئۇ ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى. 37
سائۇل: ــ ئى خەلقنىڭ ھەممە چوڭلىرى، بۇ يەرگە چىقىڭلار. بۈگۈن كىم گۇناھ قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. 38
چۈنكى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھ ھەتتا ئوغلۇم يوناتاندا تېپىلسىمۇ ئۇ جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن، دېدى. لېكىن پۈتكۈل خەلقتىن ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 39
ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، مەن ئوغلۇم يوناتان يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، دېدى. خەلق ئۇنىڭغا: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن، دېدى. 40
سائۇل ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا: ــ بۇ چەك بىلەن ئەينى ئەھۋالنى ئاشكارا قىلغايسەن، دېدى. چەك بولسا سائۇل بىلەن يوناتاننى كۆرسەتتى، خەلق قۇتۇلدى. 41
سائۇل: ــ مېنىڭ بىلەن ئوغلۇم يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك تاشلاڭلار، دېدى. شۇنداق قىلىۋىدى، چەك يوناتانغا چىقتى. 42
سائۇل يوناتانغا: ــ قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. يوناتان ئۇنىڭغا: ــ قولۇمدىكى ھاسا بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم ۋە مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇم! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 43
سائۇل: ــ سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، ئى يوناتان؛ ئۇنداق قىلمىسام، خۇدا ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. 44
لېكىن خەلق سائۇلغا: ــ ئىسرائىلدا بۇ ئۇلۇغ نۇسرەتنى قازانغان يوناتان ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ بۇنداق ئىش بىزدىن نېرى بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى بۈگۈنكى ئىشنى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى، دېدى. شۇنداق قىلىپ خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن خالاس قىلدى. 45
ئاندىن سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن توختىدى؛ فىلىستىيلەرمۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. 46
شۇنداق قىلىپ سائۇل ئىسرائىلنىڭ سەلتەنىتىنى ئۆزىنىڭ قىلدى؛ ئاندىن ئۇ چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرىگە، يەنى موئابلار، ئاممونىيلار، ئېدومىيلار، زوباھدىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە غالىپ كېلەتتى. 47
ئۇ زور جاسارەت كۆرسىتىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى. 48
سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالقى-شۇئا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ئىسمى بولسا ــ چوڭىنىڭ مېراب، كىچىكىنىڭ مىقال ئىدى. 49
سائۇلنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاھىنوئام بولۇپ، ئۇ ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئابنەر ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نەرنىڭ ئوغلى ئىدى. 50
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش ۋە ئابنەرنىڭ ئاتىسى نەر بولسا، ئىككىسى ئابىئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 51
سائۇل پۈتكۈل ئۆمرىدە فىلىستىيلەر بىلەن قاتتىق جەڭدە بولۇپ تۇردى. سائۇل ئۆزى ھەرقاچان باتۇر يا پالۋانلارنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى. 52

< سامۇئىل 1 14 >