< سامۇئىل 1 12 >

سامۇئىل پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ مانا، مەن سىلەرنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدۇم؛ 1
مانا ئەمدى پادىشاھ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈرمەكتە، مەن بولسام قېرىپ بېشىم ئاقاردى؛ مانا، مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدىم. 2
مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى. 3
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ، دېدى. 4
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار سىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلغىنى ھەم بۈگۈن گۇۋاھچى بولسۇن، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۇ گۇۋاھتۇر، دېدى. 5
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: «مۇسا بىلەن ھارۇننى تىكلەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى بولسا پەرۋەردىگاردۇر. 6
ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا يۈرگۈزگەن ھەققانىي ئەمەللىرىنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا سۆز قىلاي. 7
ياقۇپ مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن چىقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. 8
ئەمما ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ھازورنىڭ قوشۇنىدىكى سەردار سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا ھەم موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى. 9
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بىز گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنى تاشلاپ بائاللار ۋە ئاشتاروتلارنىڭ ئىبادىتىدە بولدۇق؛ ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى. 10
ۋە پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يەفتاھ ۋە سامۇئىلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقانىدىڭلار. 11
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئامموننىڭ پادىشاھى ناھاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر: ياق! بىر پادىشاھ ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلسۇن دەپ ماڭا ئېيتتىڭلار. 12
ئەمدى سىلەر خالاپ تاللىغان، سىلەر تىلىگەن پادىشاھقا قاراڭلار؛ مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدى. 13
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاقلىرىڭلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمىساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگەشسەڭلار، ئەمدى سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. 14
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك سىلەرگىمۇ قارشى بولىدۇ. 15
ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار! 16
بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر». 17
ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇردى. خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئىلدىن بەك قورقتى. 18
خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئىلغا: ــ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا بىزنى ئۆلمىسۇن دەپ كەمىنىلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغىن؛ چۈنكى ھەممە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يامانلىق ئاشۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلىدۇق، دېدى. 19
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ 20
ئادەمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان ياكى ئادەمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىھۇدە ئىشلارنى ئىزدەپ، يولدىن ئېزىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقتۇر. 21
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى لايىق كۆرگەندۇر. 22
ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن. 23
پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار! 24
لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر». 25

< سامۇئىل 1 12 >