< سامۇئىل 1 11 >

شۇ ۋاقىتتا ئاممونىي ناھاش چىقىپ يابەش-گىلېئادنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يابەشنىڭ ھەممە ئادەملىرى ناھاشقا: ــ ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز، دېدى. 1
لېكىن ئاممونىي ناھاش ئۇلارغا: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلغا دەشنەم قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئەھدە قىلاي، دېدى. 2
يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: ــ بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگىن؛ بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل يۇرتىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئاندىن كېيىن بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۆزىمىز چىقىپ ساڭا تەسلىم بولىمىز، دېدى. 3
ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى. 4
ۋە مانا، سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ: ــ خەلق نېمە دەپ يىغلايدۇ، دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. 5
سائۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى. 6
ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى. 7
سائۇل ئۇلارنى بېزەك [دېگەن جايدا] سانىغاندا ئىسرائىللار ئۈچ يۈز مىڭ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى. 8
ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: ــ گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە شۇنداق ئېيتىڭلاركى، ئەتە كۈن چۈش بولغاندا نىجات سىلەرگە كېلىدۇ، دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ شۇنى گىلېئادتىكى يابەشلىقلارغا يەتكۈزدى؛ ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. 9
شۇنىڭ بىلەن يابەشتىكىلەر: ــ ئەتە بىز قېشىڭلارغا چىقىپ [تەسلىم بولىمىز]، سىلەر بىزنى قانداق قىلىشقا لايىق كۆرسەڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. 10
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى؛ ئۇلار كېچە تۆتىنچى جېسەكتە لەشكەرگاھغا كىرىپ ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە ئۇرۇپ قىردى. تىرىك قالغانلار بولسا شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئۇلاردىن ئىككى ئادەممۇ بىر يەرگە كېلەلمىدى. 11
خەلق ئەمدى سامۇئىلغا: ــ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە سائۇل پادىشاھ بولمىسۇن دەپ ئېيتقانلار كىملەر؟ بۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، دېدى. 12
لېكىن سائۇل: ــ بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى، دېدى. 13
سامۇئىل خەلققە: ــ قېنى، گىلېئادقا بېرىپ ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن تىكلەيلى، دەپ ئېيتتى. 14
شۇنى دېۋىدى، ھەممە خەلق گىلېئادقا بېرىپ گىلېئادتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈردى. سائۇل ھەم شۇنىڭدەك بارلىق ئىسرائىل شۇ يەردە زور خۇشاللىققا چۆمدى. 15

< سامۇئىل 1 11 >