< پادىشاھلار 1 1 >

داۋۇت پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى؛ ئۇنى يوتقان-ئەدىيال بىلەن ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى. 1
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئالدىلىرىدا تۇرىدىغان بىر پاك قىز تاپقۇزايلى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ، سىلىنىڭ قۇچاقلىرىدا ياتسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن غوجام پادىشاھ ئىسسىيلا ــ دېدى. 2
ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى كېزىپ گۈزەل بىر قىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى شۇناملىق ئابىشاگنى تېپىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 3
قىز ئىنتايىن گۈزەل ئىدى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى. 4
ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دېدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى ۋە ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى تەييار قىلدى 5
(ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى). 6
ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىياتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى. 7
لېكىن كاھىن زادوك ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەي ۋە داۋۇتنىڭ ئۆز پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى. 8
ئادونىيا قوي، كالا ۋە بوردىغان تورپاقلارنى ئەن-روگەلنىڭ يېنىدىكى زوھەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە يەھۇدالارنى چاقىردى. 9
لېكىن ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 10
ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېباغا: ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز. 11
ئەمدى مانا، ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مېنىڭ ساڭا بىر مەسلىھەت بېرىشىمكە ئىجازەت بەرگەيسەن. 12
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى قەسەم قىلىپ ئۆز كەمىنىلىرىگە ۋەدە قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىلە؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئادونىيا پادىشاھ بولىدۇ؟ ــ دېگىن. 13
مانا، پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ سۆزۈڭنى ئىسپاتلايمەن، ــ دېدى. 14
بات-شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى). 15
بات-شېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 16
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام، سىلى پەرۋەردىگار خۇدالىرى بىلەن ئۆز دېدەكلىرىگە: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ قەسەم قىلغانىدىلا. 17
ئەمدى مانا، ئادونىيا پادىشاھ بولدى! لېكىن ئى غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرلىرى يوق. 18
ئۇ كۆپ كالىلارنى، بورداق تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، ئابىياتار كاھىننى ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىردى. لېكىن قۇللىرى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 19
ئەمدى، ئى غوجام پادىشاھ، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سىلىگە تىكىلمەكتە، ئۇلار غوجام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن تەختلىرىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا خەۋەر بېرىشلىرىنى كۈتىشىۋاتىدۇ؛ 20
بىر قارارغا كەلمىسىلە، غوجام پادىشاھ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان گۇناھكار سانىلىپ قالارمىزمىكىن، ــ دېدى. 21
مانا، ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا ناتان پەيغەمبەرمۇ كىرىپ كەلدى. 22
ئۇلار پادىشاھقا: ــ ناتان پەيغەمبەر كەلدى، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپلا، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى. 23
ناتان: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىلىمۇ؟ 24
چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. 25
لېكىن قۇللىرى بولغان مېنى، زادوك كاھىننى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە قۇللىرى بولغان سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 26
غوجام پادىشاھ كىمنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن غوجام پادىشاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇللىرىغا ئۇقتۇرماي ئۇ ئىشنى بۇيرۇدىلىمۇ؟ ــ دېدى. 27
داۋۇت پادىشاھ: ــ بات-شېبانى ئالدىمغا قىچقىرىڭلار، دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 28
پادىشاھ بولسا: ــ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 29
مەن ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن، ــ دېدى. 30
ۋە بات-شېبا يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: ــ غوجام داۋۇت پادىشاھ ئەبەدىي ياشىسۇن! ــ دېدى. 31
داۋۇت پادىشاھ: ــ زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئالدىمغا چاقىرىڭلار، دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. 32
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمگە مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ بېرىڭلار؛ 33
ئۇ يەردە زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلسۇن. ئاندىن كاناي چېلىپ: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! دەپ توۋلاڭلار. 34
ئاندىن ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇشقا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار؛ ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلىدىم، ــ دېدى. 35
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمۇ شۇنداق بۇيرۇسۇن! 36
پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھ بىلەن بىللە بولغاندەك، سۇلايمان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى غوجام داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلغاي! ــ دېدى. 37
زادوك كاھىن، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر چۈشۈپ، سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ باردى. 38
زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. 39
خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ زور شادلىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى. 40
ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس-سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 41
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا ئابىياتار كاھىننىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا: ــ كىرگىن، قەيسەر ئادەمسەن، چوقۇم بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، ــ دېدى. 42
يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق ئەمەس! غوجىمىز داۋۇت پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى! 43
ۋە پادىشاھ ئۆزى ئۇنىڭغا زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋىتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى؛ 44
ئاندىن زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىھوندا مەسىھ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شادلىق قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قىيقاس-سۈرەن بىلەن لەرزىگە سالدى. سىز ئاڭلاۋاتقان سادا دەل شۇدۇر. 45
ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ. 46
يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا: «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى 47
ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى. 48
شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى. 49
ئادونىيا بولسا سۇلايماندىن قورقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ، [ئىبادەت چېدىرىغا] بېرىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. 50
سۇلايمانغا شۇنداق خەۋەر بېرىلىپ: ــ «ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھتىن قورقىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ــ «سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا شۇنى قەسەم قىلسۇنكى، ئۇ ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغاي» دېدى»، ــ دېيىلدى. 51
سۇلايمان: ــ ئۇ دۇرۇس ئادەم بولسا بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا رەزىللىك تېپىلسا، ئۆلىدۇ، دېدى. 52
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋىتىپ ئۇنى قۇربانگاھدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: ــ ئۆز ئۆيۈڭگە كەتكىن، ــ دېدى. 53

< پادىشاھلار 1 1 >