< پادىشاھلار 1 9 >

سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا، 1
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 2
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ. 3
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ، 4
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن. 5
لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، 6
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛ 7
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ. 8
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 9
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، 10
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى. 11
ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى. 12
ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. 13
ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى. 14
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق: ــ 15
(مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى) 16
سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-ھوروننى بىنا قىلدى؛ 17
ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى، 18
شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. 19
ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، 20
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان ئەللەرنىڭ قالدۇق ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. 21
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللاردىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، خىزمەتكار، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. 22
بۇلاردىن سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، يەنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ نازارەتچىلەر بەش يۈز ئەللىك ئىدى. 23
پىرەۋننىڭ قىزى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىن كۆچۈپ سۇلايمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىغان ئۆيدە ئولتۇرغىنىدا، ئۇ مىللو قەلئەسىنى ياسىدى. 24
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ياسىغان قۇربانگاھدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇناتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى [خۇشبۇيگاھتا] خۇشبۇي ياقاتتى. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈزدى. 25
سۇلايمان پادىشاھ ئېزىئون-گەبەردە بىر تۈركۈم كېمىلەرنى ياسىدى. ئۇ يەر بولسا ئېدوم زېمىنىدا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېلوتنىڭ يېنىدا ئىدى. 26
ھىرام ئۆز خىزمەتكارلىرى، يەنى دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان نەچچە كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىغا قوشۇلۇپ كېمىلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. 27
ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھقا ئاپاردى. 28

< پادىشاھلار 1 9 >