< پادىشاھلار 1 4 >

سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. 1
ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار: ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛ 2
شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛ 3
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلار ئىدى؛ 4
ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. 5
ئاخىشار ئوردىنىڭ غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام باج-ئالۋان بېگى ئىدى. 6
پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەيدىغان، ئون ئىككى نازارەتچى تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يىلدا بىر ئايدىن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەشكە مەسئۇل ئىدى. 7
ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن: ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن-خۇر؛ 8
ماكاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيت-ھانانغا بەن-دەكەر؛ 9
ئارۇبوتقا بەن-خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛ 10
يەنە نافات-دورغا بەن-ئابىناداب (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغان)؛ 11
تائاناق، مەگىددو ۋە يىزرەئەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى زارەتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتكۈل بەيت-شانغا، شۇنداقلا بەيت-شاندىن تارتىپ ئابەل-مەھولاھغىچە، جوكنېئامدىن ئۆتكۈچە بولغان زېمىنلارغا ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا؛ 12
راموت-گىلېئادقا بەن-گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى. 13
ماھانائىمغا ئىددونىڭ ئوغلى ئاھىناداب؛ 14
نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى). 15
ئاشىر ۋە ئالوتقا ھۇشاينىڭ ئوغلى بائاناھ؛ 16
ئىسساكارغا پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات؛ 17
بىنيامىن زېمىنىغا ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي؛ 18
گىلېئاد زېمىنىغا (ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئىدى) ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر. ئۇ شۇ يۇرتقا بىردىنبىر نازارەتچى ئىدى. 19
يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى. 20
ۋە سۇلايمان بولسا [ئەفرات] دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە مىسىرنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلاتتى. ئۇلار ئۇلپان كەلتۈرۈپ سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 21
سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كېتىدىغان كۈنلۈك تەمىنات ئۈچۈن ئوتتۇز كور تاسقىغان ئاق ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن، 22
ئون بوردىغان ئۇي، يايلاقتىن كەلتۈرۈلگەن يىگىرمە ئۇي، يۈز قوي كېتەتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا بۇغىلار، جەرەنلەر، كىيىكلەر ۋە بوردىغان توخۇلار لازىم ئىدى. 23
چۈنكى ئۇ تىفساھدىن تارتىپ گازاغىچە، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە يۇرتلارنىڭ ئۈستىدە، يەنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. 24
سۇلايماننىڭ پۈتكۈل كۈنلىرىدە داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىل ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تېگىدە ئامان-ئېسەن ئولتۇراتتى. 25
سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئاتخانىسى، ئون ئىككى مىڭ چەۋەندىزى بار ئىدى. 26
مەزكۇر نازارەتچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئايدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كېمەيتمەي تەمىنلەيتتى. 27
خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات-قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى [نازارەتىچىلەر بار] يەرگە ئېلىپ كېلەتتى. 28
خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى. 29
شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ دانالىقى بارلىق شەرقتىكىلەرنىڭ دانالىقىدىن ۋە مىسىردىكى بارلىق دانالىقتىن ئاشتى. 30
چۈنكى ئۇ بارلىق ئادەملەردىن، جۈملىدىن ئەزراھلىق ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىن دانا ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا يېيىلدى. 31
ئۇ ئېيتقان پەند-نەسىھەت ئۈچ مىڭ ئىدى؛ ئۇنىڭ شېئىر-كۈيلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى. 32
ئۇ لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدا ئۆسىدىغان لېپەكگۈلگىچە دەرەخ-گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى؛ ئۇ يەنە مال ۋە ھايۋانلار، قۇشلار، ھاشارەت-ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە بېلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى. 33
سۇلايماننىڭ دانالىقىنى ئاڭلىغىلى كىشىلەر بارلىق ئەللەردىن كېلەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دانالىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپقان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن كىشىلەر كەلمەكتە ئىدى. 34

< پادىشاھلار 1 4 >