< پادىشاھلار 1 3 >

سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پىرەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ پۈتكۈزگۈچىلىك ئۇ ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى. 1
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىقلىرىنى قىلاتتى. 2
سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلىگەنلىرىدە ماڭاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 3
پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى؛ چۈنكى ئۇ يەر «ئۇلۇغ يۇقىرى جاي» ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانگاھدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇندى. 4
پەرۋەردىگار گىبېئوندا سۇلايمانغا كېچىسى چۈشىدە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى لايىق تاپساڭ، شۇنى تىلىگىن، دېدى. 5
سۇلايمان جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ قۇلۇڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت، ھەققانىيلىق ۋە كۆڭلىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭغانلىقى بىلەن سەن ئۇنىڭغا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەنىدىڭ؛ ۋە سەن شۇ زور مېھرىبانلىقنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ. 6
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن پەقەت بىر گۆدەك بالا خالاس، چىقىش-كىرىشنىمۇ بىلمەيمەن. 7
ئۆز قۇلۇڭ سەن تاللىغان خەلقىڭ، كۆپلۈكىدىن ساناپ بولمايدىغان ھېسابسىز ئۇلۇغ بىر خەلق ئارىسىدا تۇرىدۇ. 8
شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى. 9
سۇلايماننىڭ شۇنى تىلىكىنى رەبنى خۇش قىلدى. 10
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن شۇنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن ــ يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت-بايلىق تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئويغاق بولۇشقا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن، 11
مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ. 12
مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ. 13
ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى. 14
سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى. 15
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 16
بىرىنچى ئايال: ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم. 17
مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق. 18
شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. 19
ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ. 20
ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى. 21
ئىككىنچى ئايال: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال: ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى. 22
پادىشاھ: ــ بىرى: «تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ، دېدى. 23
پادىشاھ: ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە 24
پادىشاھ: تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى بىرىگە، يەنە بىر يېرىمنى ئىككىنچىسىگە بېرىڭلار، دېدى. 25
ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ پادىشاھقا: ــ ئاھ غوجام! تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بەرسىلە، ھەرگىز ئۇنى ئۆلتۈرمىگەيلە! ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئىككىنچىسى: ــ ئۇنى نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى قىلماي، ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار، دېدى. 26
پادىشاھ جاۋابەن: ــ تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، ئۇنى ھېچ ئۆلتۈرمەڭلار؛ چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئانىسى شۇدۇر، دېدى. 27
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى. 28

< پادىشاھلار 1 3 >