< پادىشاھلار 1 21 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. 1
ئاھاب نابوتقا سۆز قىلىپ: ــ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچ، ئۇنى بىر سەي-كۆكتاتلىق باغ قىلاي. ئۇنىڭ ئورنىدا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى لايىق كۆرسەڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن، دېدى. 2
ئەمما نابوت ئاھابقا: ــ پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا سېتىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن، دېدى. 3
ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى [تام] تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى. 4
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى. 5
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى. 6
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا: ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى. 7
ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى. 8
خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛ 9
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار». 10
شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛ 11
ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى. 12
ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 13
ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى. 14
يىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا: قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى. 15
شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى. 16
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 17
«قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. 18
ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن». 19
ئاھاب ئىلىياسقا: ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ. 20
پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛ 21
ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. 22
ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ. 23
ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن شەھەردە ئۆلگەنلەرنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگەنلەرنى بولسا ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ» دېدى 24
(بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى. 25
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى). 26
لېكىن ئاھاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ بەدىنىگە بۆز يۆگەپ، روزا تۇتتى. ئۇ بۆز رەختتە ياتاتتى، جىمجىت ماڭاتتى. 27
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ: ــ 28
«ئاھابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى قانداق تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ بالانى ئۇنىڭ كۈنلىرىدە كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېيىلدى. 29

< پادىشاھلار 1 21 >