< پادىشاھلار 1 17 >

ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى. 1
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ 2
بۇ يەردىن كېتىپ، مەشرىق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ 3
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا-قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 5
قاغا-قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى. 6
لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى. 7
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ 8
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. 9
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ: ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى. 10
ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە: ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى. 11
ئەمما ئۇ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى. 12
ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن. 13
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى. 14
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى. 15
پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى. 16
شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى. 17
ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. 18
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ، 19
پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى. 20
ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى. 21
پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى. 22
ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: ــ مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى. 23
ئايال ئىلىياسقا: ــ مەن شۇ ئىش ئارقىلىق ئەمدى سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى، ئاغزىڭدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دېدى. 24

< پادىشاھلار 1 17 >