< پادىشاھلار 1 15 >

نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا ئابىيام يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ 1
يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. 2
ئابىيامنىڭ قەلبى بوۋىسى داۋۇتنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رەھوبوئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى. 3
شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا [يورۇق] بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىكلەپ تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى. 4
چۈنكى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھىتتىي ئۇرىياغا قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەمر قىلغانلىرىدىن چىقمىدى. 5
ئەمدى [ئابىيامنىڭ] پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 6
ئابىيامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئابىيام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى. 7
ئابىيام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلدى. ئاندىن ئوغلى ئاسا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 8
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ 9
يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. 10
ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 11
ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى. 12
ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 13
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. 14
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى [پەرۋەردىگارغا] ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. 15
ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 16
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 17
ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن-ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 18
«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. 19
بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت-مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى. 20
بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى. 21
ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 22
ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى. 23
ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 24
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. 25
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى. 26
لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. 27
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 28
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى. 29
بۇ ئىش يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى؛ ئۇ شۇلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىغانىدى. 30
نادابنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 31
ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 32
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە تىرزاھتا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ يىگىرمە تۆت يىل سەلتەنەت قىلدى. 33
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پاتقۇزغان گۇناھىدا ماڭدى. 34

< پادىشاھلار 1 15 >