< پادىشاھلار 1 14 >

ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى. 1
At that time Abijah the son of Jeroboam became sick.
يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. 2
Jeroboam said to his wife, “Please get up and disguise yourself, so that you won’t be recognized as Jeroboam’s wife. Go to Shiloh. Behold, Ahijah the prophet is there, who said that I would be king over this people.
قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى. 3
Take with you ten loaves of bread, some cakes, and a jar of honey, and go to him. He will tell you what will become of the child.”
يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى. 4
Jeroboam’s wife did so, and arose and went to Shiloh, and came to Ahijah’s house. Now Ahijah could not see, for his eyes were set by reason of his age.
لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا: ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى. 5
Yahweh said to Ahijah, “Behold, Jeroboam’s wife is coming to inquire of you concerning her son, for he is sick. Tell her such and such; for it will be, when she comes in, that she will pretend to be another woman.”
ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى. 6
So when Ahijah heard the sound of her feet as she came in at the door, he said, “Come in, Jeroboam’s wife! Why do you pretend to be another? For I am sent to you with heavy news.
بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ 7
Go, tell Jeroboam, ‘Yahweh, the God of Israel, says: “Because I exalted you from among the people, and made you prince over my people Israel,
پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ، 8
and tore the kingdom away from David’s house, and gave it to you; and yet you have not been as my servant David, who kept my commandments, and who followed me with all his heart, to do that only which was right in my eyes,
بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ. 9
but have done evil above all who were before you, and have gone and made for yourself other gods, molten images, to provoke me to anger, and have cast me behind your back,
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن. 10
therefore, behold, I will bring evil on the house of Jeroboam, and will cut off from Jeroboam everyone who urinates on a wall, he who is shut up and he who is left at large in Israel, and will utterly sweep away the house of Jeroboam, as a man sweeps away dung until it is all gone.
يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر. 11
The dogs will eat he who belongs to Jeroboam who dies in the city; and the birds of the sky will eat he who dies in the field, for Yahweh has spoken it.”’
ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ. 12
Arise therefore, and go to your house. When your feet enter into the city, the child will die.
پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى. 13
All Israel will mourn for him and bury him; for he only of Jeroboam will come to the grave, because in him there is found some good thing toward Yahweh, the God of Israel, in the house of Jeroboam.
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ! 14
Moreover Yahweh will raise up a king for himself over Israel who will cut off the house of Jeroboam. This is the day! What? Even now.
پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى. 15
For Yahweh will strike Israel, as a reed is shaken in the water; and he will root up Israel out of this good land which he gave to their fathers, and will scatter them beyond the River, because they have made their Asherah poles, provoking Yahweh to anger.
يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»». 16
He will give Israel up because of the sins of Jeroboam, which he has sinned, and with which he has made Israel to sin.”
شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى. 17
Jeroboam’s wife arose and departed, and came to Tirzah. As she came to the threshold of the house, the child died.
ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 18
All Israel buried him and mourned for him, according to Yahweh’s word, which he spoke by his servant Ahijah the prophet.
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 19
The rest of the acts of Jeroboam, how he fought and how he reigned, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى. 20
The days which Jeroboam reigned were twenty two years; then he slept with his fathers, and Nadab his son reigned in his place.
ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى. 21
Rehoboam the son of Solomon reigned in Judah. Rehoboam was forty-one years old when he began to reign, and he reigned seventeen years in Jerusalem, the city which Yahweh had chosen out of all the tribes of Israel, to put his name there. His mother’s name was Naamah the Ammonitess.
يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 22
Judah did that which was evil in Yahweh’s sight, and they provoked him to jealousy with their sins which they committed, above all that their fathers had done.
چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى. 23
For they also built for themselves high places, sacred pillars, and Asherah poles on every high hill and under every green tree.
ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى. 24
There were also sodomites in the land. They did according to all the abominations of the nations which Yahweh drove out before the children of Israel.
رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. 25
In the fifth year of King Rehoboam, Shishak king of Egypt came up against Jerusalem;
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 26
and he took away the treasures of Yahweh’s house and the treasures of the king’s house. He even took away all of it, including all the gold shields which Solomon had made.
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 27
King Rehoboam made shields of bronze in their place, and committed them to the hands of the captains of the guard, who kept the door of the king’s house.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى. 28
It was so, that as often as the king went into Yahweh’s house, the guard bore them, and brought them back into the guard room.
ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 29
Now the rest of the acts of Rehoboam, and all that he did, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى. 30
There was war between Rehoboam and Jeroboam continually.
رەھوبوئام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 31
Rehoboam slept with his fathers, and was buried with his fathers in David’s city. His mother’s name was Naamah the Ammonitess. Abijam his son reigned in his place.

< پادىشاھلار 1 14 >