< پادىشاھلار 1 13 >

ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن چىقىپ بەيت-ئەلگە كەلدى؛ شۇ پەيتتە يەروبوئام خۇشبۇي يېقىشقا قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ 1
شۇ ئادەم قۇربانگاھغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىپ: ــ ئى قۇربانگاھ، ئى قۇربانگاھ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا داۋۇتنىڭ جەمەتىدە يوسىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بولسا سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ياققان «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ! ــ دېدى. 2
ئۇ كۈنى ئۇ بىر بېشارەتلىك ئالامەتنى جاكارلاپ: پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت شۇ بولىدۇكى: ــ مانا، قۇربانگاھ يېرىلىپ، ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 3
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى. 4
ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى. 5
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 6
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆزۈڭنى قۇتلاندۇرغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرەي، دېدى. 7
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ئورداڭنىڭ يېرىمىنى بەرسەڭمۇ، سېنىڭ بىلەن بارمايمەن ياكى بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن. 8
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا بۇيرۇپ: «سەن نە نان يېمە نە سۇ ئىچمە، بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمە» دېگەن، دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيت-ئەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى. 10
لېكىن بەيت-ئەلدە ياشانغان بىر پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۇ كۈنى بەيت-ئەلدە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى. 11
ئاتىسى ئۇلاردىن، ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى، دەپ سورىدى؛ چۈنكى ئوغۇللىرى يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى. 12
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ 13
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇ ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ ئۇنىڭدىن: ــ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. 14
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ نان يېگىن، دېدى. 15
ئۇ جاۋابەن: ــ مەن نە سېنىڭ بىلەن قايتالمايمەن، نە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن؛ مەن نە بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن؛ 16
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزى بىلەن ماڭا تاپىلاپ: «ئۇ يەردە نان يېمە، سۇ ئىچمىگىن؛ بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمىگىن» دېگەن، دېدى. 17
[قېرى پەيغەمبەر] ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى. 18
شۇنىڭ بىلەن [خۇدانىڭ ئادىمى] ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ ئۆيدە نان يەپ سۇ ئىچتى. 19
لېكىن ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قېرى پەيغەمبەرگە كەلدى. 20
ئۇ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنى چاقىرىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىنى تۇتماي، 21
بەلكى يېنىپ، ئۇ ساڭا: ــ نان يېمە، سۇ ئىچمە، دەپ مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ تۈپەيلىدىن، جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىدە كۆمۈلمەيدۇ»، دەپ توۋلىدى. 22
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 23
ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 24
مانا بىرنەچچە ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولدا تاشلىنىپ قالغان جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆردى؛ ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 25
ئۇنى يولدىن ياندۇرغان پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە شىر ئۇنى تىتما-تىتما قىلىپ ئۆلتۈردى، دېدى. 26
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دېدى؛ ئۇلار ئۇنى توقۇپ بەردى. 27
ئۇ يولدا تاشلاقلىق جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا نە جەسەتنى يېمىگەنىدى نە ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى. 28
پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئېشەككە ئارتىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە كىردى. 29
ئۇ جەسەتنى ئۆز قەبرىستانلىقىدا قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ: ــ ئاھ بۇرادىرىم! ــ دەپ پەرياد كۆتۈردى. 30
ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا: ــ مەن ئۆلگەندە مېنى خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە دەپنە قىلىڭلار؛ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار؛ 31
چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قارىغان ۋە سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىدىكى [ئىبادەت] ئۆيلىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ جار قىلغان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ، ــ دېدى. 32
لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» [كاھىنلىق مەنسىپىگە] بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا [قۇربانلىق قىلىشقا] كاھىن بولاتتى. 33
شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى. 34

< پادىشاھلار 1 13 >