< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 8 >

ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ. 1
«مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ. 2
ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ. 3
خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». 4
گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر) 5
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز. 6
ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى [ئىشەنگۈچىلەر] بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ. 7
ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ. 8
بىراق ھەرھالدا [يېيىش] ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. 9
چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ 10
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. 11
شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. 12
شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن. (aiōn g165) 13

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 8 >