< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 7 >

ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر». 1
دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. 2
ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن. 3
ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. 4
پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. 5
ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر. 6
ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش [بويتاق] بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق. 7
ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛ 8
ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى [ئىشق] ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى. 9
ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن 10
(ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن. 11
قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ 12
[ئېتىقادچى] ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. 13
چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا [ئېتىقاد قىلغان] قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. 14
لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار [نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە] باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. 15
ئەي [ئېتىقادچى] ئايال، ئېرىڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي [ئېتىقادچى] ئەر، خوتۇنۇڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ 16
ھالبۇكى، رەب ھەرقايسىمىزغا قانداق تەقسىم قىلغان بولسا، قانداق ھالەتتە چاقىرغان بولسا، ئۇ شۇنىڭدا مېڭىۋەرسۇن؛ مەن ھەممە جامائەتلەردە شۇنداق يوليورۇقنى تاپىلايمەن. 17
بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن؛ بىرسى سۈننەتسىز ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ ئەمدى سۈننەت قىلىنمىسۇن. 18
سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 19
ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن. 20
سەن چاقىرىلغاندا قۇل ھالىتىدە ئىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن؛ لېكىن ئەگەر ھۆرلۈك پۇرسىتى كەلسە، ئۇنى قولۇڭدىن بەرمە. 21
چۈنكى رەبتە چاقىرىلغان قۇل بولسا رەبنىڭ ھۆر ئادىمىدۇر؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش، چاقىرىلىپ ھۆر بولغۇچىمۇ مەسىھنىڭ قۇلىدۇر. 22
سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار. 23
ئى قېرىنداشلار، ھەربىرىڭلار قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولساڭلار، شۇ ھالەتتە خۇدا بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. 24
ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. 25
ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ [تەنھا] ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. 26
ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. 27
لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. 28
ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ــ ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛ 29
ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغانلاردەك بولسۇن؛ بەخت-خۇشاللىقتا بولغانلار بەخت-خۇشاللىقتا بولمىغانلاردەك بولسۇن؛ مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلار مال-مۈلۈكسىزلەردەك بولسۇن؛ 30
بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. 31
ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 32
ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ 33
يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 34
ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن. 35
ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن. 36
بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 37
قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش. 38
ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ. 39
لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن! 40

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 7 >