< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 5 >

ھەرتەرەپتىن شۇ ئاڭلىنىۋاتىدۇكى، ئاراڭلاردا بۇزۇقچىلىق بار ئىكەن ــ بۇنداق بۇزۇقچىلىق ھەتتا تائىپىلەر ئارىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ بىرسىنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالىغا چېقىلىشتىن ئىبارەت. 1
ئەمما سىلەر يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار! بۇ رەزىل ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئارىمىزدىن قوغلىۋېتىلسۇن دەپ ئۆكۈنۈشۈڭلارغا توغرا كەلمەمدۇ!؟ 2
چۈنكى گەرچە تەندە سىلەر بىلەن بىللە بولمىساممۇ، ئەمما روھتا سىلەر بىلەن بىللە بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان شۇنداق مەن شۇ ھۆكۈمنى چىقاردىمكى، 3
(ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ 4
شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن. 5
سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟ 6
كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»[دىكى قوزىمىز] بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛ 7
شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى. 8
مەن [ئالدىنقى] خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛ 9
ئەمما بۇ دېگىنىم بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، ياكى نەپسانىيەتچىلەر، ياكى كاززاپلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگىنىم ئەمەس؛ ئۇنداق بولغاندا دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار؛ 10
ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار. 11
سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ 12
لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار». 13

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 5 >