< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 3 >

لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. 1
مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛ 2
چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟ 3
چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ 4
ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ 5
مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر. 6
شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. 7
ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ. 8
چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر. 9
خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن. 10
چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ. 11
ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، 12
ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. 13
بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ 14
بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 15
ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 16
بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر. 17
ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. (aiōn g165) 18
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. 19
20
شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛ 21
پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛ 22
سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر. 23

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 3 >