< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 2 >

مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ 1
چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ 2
مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛ 3
مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. 4
بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. 5
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ (aiōn g165) 6
ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. (aiōn g165) 7
بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. (aiōn g165) 8
ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: ــ «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر». 9
ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛ 10
چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر. 11
ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز. 12
بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز. 13
ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. 14
روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ. 15
چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز. 16

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 2 >