< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 16 >

ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار. 1
ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ. 2
مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا [تونۇشتۇرۇش] خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن. 3
مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ. 4
ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ 5
بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. 6
چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار. 7
ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن. 8
چۈنكى [مۇشۇ يەردە] ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ. 9
تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 10
شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن. 11
ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ. 12
ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار! 13
سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن. 14
ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، ئاخايا ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقاد مېۋىسى بولغان ستىفاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا قانداق ئۆزلىرىنى ئاتىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار. 15
16
ئەمما [يېنىڭلاردىن] ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. 17
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار. 18
ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ. 19
قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 20
مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن! 21
ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن! 22
رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! 23
مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن! 24

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 16 >