< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 15 >

ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ 1
مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر. 2
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ 3
ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ 4
ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ 5
ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ 6
ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛ 7
ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 8
چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. 9
لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن [خۇدانىڭ خىزمىتىدە] بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. 10
دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا [روسۇللار] بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. 11
ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ 12
ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. 13
شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. 14
ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. 15
چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. 16
مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، 17
شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. 18
ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز. 19
ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ 20
چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى. 21
ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 22
ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. 23
ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. 24
چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ 25
ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. 26
چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. 27
ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. 28
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ 29
بىزلەر نېمە دەپ [ھەر كۈنى] ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ 30
رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. 31
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ 32
ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». 33
ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟ 34
بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. 35
ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. 36
ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. 37
ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. 38
جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. 39
ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ 40
قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. 41
ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ 42
ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. 43
ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. 44
شۇڭا [تەۋراتتا] مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. 45
ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. 46
دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ 47
تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، [ئۇنىڭدىن] [بولغان] «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. 48
بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. 49
ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. 50
مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! 51
بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ 52
چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ 53
ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». 54
«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» (Hadēs g86) 55
ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. 56
لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر! 57
شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 58

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 15 >