< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 11 >

ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر. 1
2
ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. 3
شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. 4
ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. 5
ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. 6
چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. 7
چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر. 8
شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 9
بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. 10
ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ 11
چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. 12
ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ 13
تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ 14
ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. 15
[بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. 16
ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. 17
چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. 18
ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. 19
سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر [ھەقىقەتەن] «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. 20
چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. 21
يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن. 22
چۈنكى مەن سىلەرگە [رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق] يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، 23
تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 24
شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 25
چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. 26
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. 27
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. 28
چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. 29
بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى. 30
لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. 31
ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. 32
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، [رەبنىڭ زىياپىتىدە] يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، [ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە] بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. 33
بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن. 34

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 11 >