< تارىخ-تەزكىرە 1 6 >

لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. 1
كوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 2
ئامرامنىڭ پەرزەنتلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىدى. 3
ئەلىئازاردىن فىنىھاس، فىنىھاستىن ئابىشۇئا، 4
ئابىشۇئادىن بۇككى، بۇككىدىن ئۇززى، 5
ئۇززىدىن زەراھىيا، زەراھىيادىن مېرايوت، 6
مېرايوتتىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، 7
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن ئاخىمائاز، 8
ئاخىمائازدىن ئازارىيا، ئازارىيادىن يوھانان، 9
يوھاناندىن ئازارىيا (بۇ ئازارىيا يېرۇسالېمدا سۇلايمان سالغۇزغان مۇقەددەس ئۆيدە كاھىنلىق خىزمىتىدە بولغان)، 10
ئازارىيادىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، 11
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن شاللۇم، 12
شاللۇمدىن ھىلقىيا، ھىلقىيادىن ئازارىيا، 13
ئازارىيادىن سېرايا، سېرايادىن يەھوزاداك تۆرەلدى؛ 14
پەرۋەردىگار نېبوقادنەسارنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەھۇدادىكىلەر بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان چاغدا، بۇ يەھوزاداكمۇ سۈرگۈن قىلىنغان. 15
لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشوم، كوھات ۋە مەرارى. 16
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. 17
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 18
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار لاۋىيلارغا مەنسۇپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئىچىدىكى ئائىلىلەر ئىدى. 19
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گەرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى جاھات، جاھاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، 20
زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراھ، زەراھنىڭ ئوغلى يىياتىراي ئىدى. 21
گوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 22
ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى ئېبىئاساف، ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 23
ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئەل، ئۇرىئەلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل ئىدى. 24
ئەلكاناھنىڭ ئوغۇللىرى ئاماساي ۋە ئاخىموت، 25
ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناھات، 26
ناھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاب، ئېلىئابنىڭ ئوغلى يەروھام، يەروھامنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ ئىدى. 27
سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: تۇنجى ئوغلى يوئېل، ئىككىنچى ئوغلى ئابىيا ئىدى. 28
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى، ماھلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمەي، شىمەينىڭ ئوغلى ئۇززا، 29
ئۇززانىڭ ئوغلى شىمىيا، شىمىيانىڭ ئوغلى ھاگگىيا، ھاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا ئىدى. 30
داۋۇت ئەھدە ساندۇقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قويدى. 31
ئۇلار تاكى سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساتقانغا قەدەر، «جامائەت چېدىرى»نىڭ ئالدىدا كۈي ئېيتىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇلار ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپى بىلەن ئۆتىگەنىدى. 32
تۆۋەندىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە: ــ نەغمىچى ھېمان بار ئىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى ئىدى. 33
سامۇئىل ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئەلىيەلنىڭ ئوغلى، ئەلىيەل توئاھنىڭ ئوغلى، 34
توئاھ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ئاماساينىڭ ئوغلى، 35
ئاماساي ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا زەفانىيانىڭ ئوغلى، 36
زەفانىيا تاھاتنىڭ ئوغلى، تاھات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئېبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى، 37
كوراھ ئىزھارنىڭ ئوغلى، ئىزھار كوھاتنىڭ ئوغلى، كوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئىدى. 38
[ھېماننىڭ] ئوڭ تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىندىشى ئاساف ئىدى. ئاساف بولسا بەرەكىيانىڭ ئوغلى، بەرەكىيا شىمىيانىڭ ئوغلى، 39
شىمىيا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسىيانىڭ ئوغلى، بائاسىيا مالكىيانىڭ ئوغلى، 40
مالكىيا ئېتنىنىڭ ئوغلى، ئېتنى زەراھنىڭ ئوغلى، زەراھ ئادايانىڭ ئوغلى، 41
ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمەينىڭ ئوغلى، 42
شىمەي جاھاتنىڭ ئوغلى، جاھات گەرشومنىڭ ئوغلى، گەرشوم لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. 43
[ھېمان بىلەن ئاسافنىڭ] سول تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرى مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېتانلار ئىدى. ئېتان بولسا كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى، كىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇقنىڭ ئوغلى، 44
ماللۇق ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ئامازىيانىڭ ئوغلى، ئامازىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، 45
ھىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى شېمەرنىڭ ئوغلى، 46
شېمەر ماھلىنىڭ ئوغلى، ماھلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مەرارىنىڭ ئوغلى، مەرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. 47
ئۇلارنىڭ قالغان لاۋىي قېرىنداشلىرى بولسا ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەت چېدىرىدىكى [باشقا] خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتالغانىدى. 48
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ تاپىلىغىنىدەك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانگاھتا قۇربانلىقلار سۇنۇپ، خۇشبۇيگاھدا خۇشبۇي يېقىپ، مۇقەددەسگاھدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلاتتى، شۇنداقلا ئىسرائىللار ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت ئىشلىرىنى قىلاتتى. 49
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا، 50
ئابىشۇيانىڭ ئوغلى بۇككى، بۇككىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زەراھىيا، 51
زەراھىيانىڭ ئوغلى مېرايوت، مېرايوتنىڭ ئوغلى ئامارىيا، ئامارىيانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، 52
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك، زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئىدى. 53
تۆۋەندىكىلەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىچىدە ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان يەرلىرى: ــ كوھات جەمەتىنىڭ يەرلىرى بولسا (مۇشۇ يەرلەر چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان): ــ 54
يەھۇدا زېمىنىدىكى ھېبرون ۋە ھېبروننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلىرى ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان 55
(لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى). 56
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا «پاناھلىق شەھىرى» ھېبرون بېرىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا لىبناھ بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياتتىر، ئېشتېموئا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 57
ھىلەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دەبىر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 58
ئاشان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، بەيت-شەمەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ تەقسىم قىلىنغان؛ 59
يەنە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى زېمىندىن گېبا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاللەمەت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاناتوت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ئېرىشكەن شەھەر جەمئىي ئون ئۈچ بولدى. 60
كوھاتنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا بولسا تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 61
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، ئىسساكار قەبىلىسى، ئاشىر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە باشان يۇرتىدىكى ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 62
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 63
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بەردى. 64
ئۇلار تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، يەنە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شەھەرلەرنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن، شىمېئون قەبىلىسىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئېلىپ ئۇلارغا بەردى. 65
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بەزى جەمەتلەرگە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنى تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن بۆلۈپ بېرىلگەنلىرىمۇ بولدى. 66
ئىسرائىللار ئۇلارغا [يەنە ئىككى] «پاناھلىق شەھىرى»، يەنى ئەفرائىم تاغلىقىغا جايلاشقان شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ۋە گەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى بەردى؛ 67
يەنە يوكمىيام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بەيت-ھورون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، 68
ئايجالون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، گات-رىممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ئۇلارغا بەردى. 69
[ئىسرائىللار يەنە] ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن ئانېر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بىلېئام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بەردى. 70
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولان ۋە گولانغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاشتاروت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 71
ئىسساكار قەبىلىسىدىن كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دابىرات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 72
راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئانەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 73
ئاشىر قەبىلىسىدىن ئۇلارغا ماشال ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 74
خۇكوك ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، رەھوب ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 75
نافتالى قەبىلىسىدىن گالىلىيەدىكى كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ھاممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، كىرىئاتايىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ بېرىلدى. 76
مەرارىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا بولسا زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن رىممونو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، تابور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 77
يەنە رۇبەن قەبىلىسىنىڭكىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، يېرىخونىڭ شەرقىي ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈنچىقىش بويىدىكى يەرلەردىن چۆلدىكى بەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياھزاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 78
كەدەموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، مېفائات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 79
گاد قەبىلىسىدىنمۇ بولسا ئۇلارغا گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ماھانائىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 80
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، يائازەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى. 81

< تارىخ-تەزكىرە 1 6 >