< تارىخ-تەزكىرە 1 4 >

يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرەز، ھەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىدى. 1
Сыновья Иуды: Фарес, Есром, Харми, Хур и Шовал.
شوبالنىڭ ئوغلى رېئايادىن جاھات تۆرەلدى؛ جاھاتتىن ئاخۇماي بىلەن لاخاد تۆرەلدى. بۇلار زوراتىي جەمەتىدىن ئىدى. 2
Реаия, сын Шовала, родил Иахафа; Иахаф родил Ахума и Лагада: от них племена Цорян.
ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل، ئىشما، ئىدباش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ھازىلىلپونى ئىدى. 3
И сии сыновья Етама: Изреель, Ишма и Идбаш, и сестра их, по имени Гацлелпони,
گەدورنىڭ ئاتىسى پەنۇئەل؛ خۇشاھنىڭ ئاتىسى ئېزەر ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى بولغان ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇردىن تۆرەلگەن. 4
Пенуел, отец Гедора, и Езер, отец Хуша. Вот сыновья Хура, первенца Ефрафы, отца Вифлеема.
تەكوئانىڭ ئاتىسى ئاشخۇرنىڭ ھېلاھ ۋە نائاراھ دېگەن ئىككى ئايالى بار ئىدى. 5
У Ахшура, отца Фекои, были две жены: Хела и Наара.
نائاراھ ئاشخۇرغا ئاخۇززام، ھەفەر، تەمەنى، ئاخاشتارىنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نائاراھنىڭ ئوغۇللىرى. 6
И родила ему Наара Ахузама, Хефера, Фимни и Ахашфари; это сыновья Наары.
ھېلاھنىڭ ئوغۇللىرى زەرەت، زوھار بىلەن ئەتنان ۋە 7
Сыновья Хелы: Цереф, Цохар и Ефнан.
كوز ئىدى؛ كوزدىن ئانوب، ھاززىبىبا بىلەن خارۇمنىڭ ئوغلى ئاخارھەلنىڭ جەمەتلىرى تۆرەلدى. 8
Коц родил: Анува и Цовева и племена Ахархела, сына Гарумова.
يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلىك ئىدى، ئانىسى: «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان. 9
Иавис был знаменитее своих братьев. Мать дала ему имя Иавис, сказав: я родила его с болезнью.
يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى. 10
И воззвал Иавис к Богу Израилеву и сказал: о, если бы Ты благословил меня Твоим благословением, распространил пределы мои, и рука Твоя была со мною, охраняя меня от зла, чтобы я не горевал!... И Бог ниспослал ему, чего он просил.
شۇخاھنىڭ ئىنىسى كېلۇبتىن مېخىر تۆرەلگەن؛ مېخىر ئېشتوننىڭ ئاتىسى ئىدى. 11
Хелув же, брат Шухи, родил Махира; он есть отец Ештона.
ئېشتوندىن بەيت-رافا، پاسېئاھ ۋە ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى تېخىنناھ تۆرەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى رىكاھلىقلار ئىدى. 12
Ештон родил Беф-Рафу, Пасеаха и Техинну, отца города Нааса брата Селома Кенезиина и Ахазова; это жители Рехи.
كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل بىلەن سېرايا ئىدى؛ ئوتنىيەلنىڭ ئوغلى خاتات بىلەن مېئونوتاي ئىدى. 13
Сыновья Кеназа: Гофониил и Сераия. Сын Гофониила: Хафаф.
مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى). 14
Меонофай родил Офру, а Сераия родил Иоава, родоначальника долины плотников, потому что они были плотники.
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى ئىرۇ، ئېلاھ بىلەن نائام ئىدى؛ ئېلاھنىڭ ئوغلى كېناز ئىدى. 15
Сыновья Халева, сына Иефонниина: Ир, Ила и Наам. Сын Илы: Кеназ.
يەھاللىلەلنىڭ ئوغۇللىرى زىف بىلەن زىفاھ، تىرىيا بىلەن ئاسارىيەل ئىدى. 16
Сыновья Иегаллелела: Зиф, Зифа, Фирия и Асареел.
ئەزرانىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەتەر، مېرەد، ئېفەر ۋە يالونلار؛ مېرەد پىرەۋننىڭ قىزى بىتىيانى ئالدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ مەرىيەم، شامماي بىلەن ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى ئىشباھنى تۇغدى. بۇلار بىتىيادىن بولغان ئوغۇللار. مېرەدنىڭ يەھۇدالاردىن بولغان ئايالى بولسا گەدورنىڭ ئاتىسى يەرەدنى، سوكوھنىڭ ئاتىسى ھەبەر بىلەن زانوئاھنىڭ ئاتىسى يەكۇتىيەلنى تۇغدى. 17
Сыновья Езры: Иефер, Меред, Ефер и Иалон; Иефер же родил Мерома, Шаммая и Ишбаха, отца Ешфемои.
18
И жена его Иудия родила Иереда, отца Гедора, и Хевера, отца Сохо, и Иекуфиила, отца Занаоха. Это сыновья Бифьи, дочери фараоновой, которую взял Меред.
ناھامنىڭ سىڭلىسى خودىيانىڭ ئايالىدىن گارمىلىق كېئىلاھنىڭ ئاتىسى بىلەن مائاكات جەمەتىدىن بولغان ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى تۆرەلگەن. 19
Сыновья жены его Годии, сестры Нахама, отца Кеилы: Гарми и Ешфемоа - Маахатянин.
شىموننىڭ ئوغۇللىرى ئامنون ۋە رىنناھ، بەن-ھانان بىلەن تىلون ئىدى. يىشىنىڭ ئوغۇللىرى زوھەت بىلەن بىن-زوھەت ئىدى. 20
Сыновья Симеона: Амнон, Ринна, Бенханан и Филон. Сыновья Ишия: Зохеф и Бензохеф.
شېلاھ يەھۇدانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن تۆرەلگەن لېكاھنىڭ ئاتىسى ئېر، مارەشاھنىڭ ئاتىسى لائاداھ ۋە بەيت-ئاشبىيادا ئولتۇراقلاشقان چەكمەن توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى 21
Сыновья Силома, сына Иудина: Ир, отец Лехи, и Лаеда, отец Мареши, и семейства выделывавших виссон, из дома Ашбеи,
ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر). 22
и Иоким, и жители Хозевы, и Иоаш и Сараф, которые имели владение в Моаве, и Иашувилехем; но это события древние.
بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 23
Они были горшечники, и жили при садах и в огородах; у царя для работ его жили они там.
نەمۇئەل ۋە يامىن، يارىب، زەراھ بىلەن سائۇل شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 24
Сыновья Симеона: Немуил, Иамин, Иарив, Зерах и Саул.
شاللوم سائۇلنىڭ ئوغلى؛ مىبسام شاللومنىڭ ئوغلى، مىشما مىبسامنىڭ ئوغلى ئىدى. 25
Шаллум сын его; его сын Мивсам; его сын Мишма.
مىشمانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: ــ مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئىل؛ خاممۇئىلنىڭ ئوغلى زاككۇر؛ زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمەي ئىدى. 26
Сыновья Мишмы: Хаммуил, сын его; его сын Закур; его сын Шимей.
شىمەينىڭ ئون ئالتە ئوغلى، ئالتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرى يەھۇدا جەمەتىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ بولمىغان. 27
У Шимея было шестнадцать сыновей и шесть дочерей; у братьев же его сыновей было немного, и все племя их не так было многочисленно, как племя сынов Иуды.
ئۇلار بەئەر-شېبا، مولاداھ، ھازار-شۇئال، 28
Они жили в Вирсавии, Моладе, Хацаршуале,
بىلخاھ، ئېزەم، تولاد، 29
в Билге, в Ецеме, в Фоладе,
بېتۇئەل، خورماھ، زىكلاگ، 30
в Вефуиле, в Хорме, в Циклаге,
بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارائىمغا ماكانلاشقانىدى. تاكى داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. 31
в Беф-Маркавофе, в Хацарсусиме, в Беф-Биреи и в Шаариме. Вот города их до царствования Давидова,
ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان قاتارلىق بەش شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 32
с селами их: Етам, Аин, Риммон, Фокен и Ашан, - пять городов.
ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى بارلىق يېزا-كەنتلەر تاكى بائالغا قەدەر شۇلارغا قارايتتى. بۇلار بولسا ئۇلار ماكانلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىلىرىمۇ بار ئىدى. 33
И все селения их, которые находились вокруг сих городов до Ваала; вот места жительства их и родословия их.
[ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىرى] مېشوباب، ياملەك، ئامازىيانىڭ ئوغلى يوشاھ، 34
Мешовав, Иамлех и Иосия, сын Амассии,
يوئېل، يوسىبىيانىڭ ئوغلى يەھۇ (يوسىبىيا سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئاسىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى)، 35
Иоил и Иегу, сын Иошиви, сына Сераии, сына Асиилова,
ئەليويىناي، يائاكوباھ، يەشوھايا، ئاسايا، ئادىئەل، يەسىمىئەل، بىنايا 36
Елиоенай, Иакова, Ишохаия, Асаия, Адиил, Ишимиил и Ванея,
ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى). 37
и Зиза, сын Шифия, сын Аллона, сын Иедаии, сын Шимрия, сын Шемаии.
يۇقىرىدا خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ئىدى؛ بۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. 38
Сии поименованные были князьями племен своих, и дом отцов их разделился на многие отрасли.
ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى. 39
Они доходили до Герары и до восточной стороны долины, чтобы найти пастбища для стад своих;
ئۇلار شۇ يەردە ياپيېشىل، ناھايىتى مۇنبەت بىر ئوتلاق تاپقان؛ ئۇ يەر تولىمۇ كەڭ، ھەم تازا ھەم تىنچ ئىدى. ئىلگىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھامدىكىلەردىن ئىكەن. 40
и нашли пастбища тучные и хорошие и землю обширную, спокойную и безопасную, потому что до них жило там только немного Хамитян.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كىشىلەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ زامانىدا شۇ [ھامدىكىلەرنىڭ] چېدىرلىرىغا ۋە ئۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق مىئونلۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تامامەن يوقاتقانىدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر؛ ئۇلار شۇلارنىڭ يەرلىرىگە ماكانلاشتى، چۈنكى ئۇ يەرلەردە پادىلىرىنى باققۇدەك ئوتلاق بار ئىدى. 41
И пришли сии, по именам записанные, во дни Езекии, царя Иудейского, и перебили кочующих и оседлых, которые там находились, и истребили их навсегда и поселились на месте их, ибо там были пастбища для стад их.
شۇ چاغلاردا شىمېئونلاردىن يەنە بەش يۈز كىشى سېئىر تېغىغا قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى يىشىنىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا، نېئارىيا، رېفايا بىلەن ئۇزرىئەل ئىدى؛ 42
Из них же, из сынов Симеоновых, пошли к горе Сеир пятьсот человек: Фелатия, Неария, Рефаия и Узиил, сыновья Ишия, были во главе их;
ئۇلار قېچىپ تىرىك قالغان ئامالەكلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە ماكانلىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. 43
и побили уцелевший там остаток Амаликитян, и живут там до сего дня.

< تارىخ-تەزكىرە 1 4 >