< تارىخ-تەزكىرە 1 29 >

داۋۇت پۈتكۈل جامائەتكە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «خۇدا ئۆزى تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت، خالاس، بۇ قۇرۇلۇش بولسا تولىمۇ چوڭ؛ چۈنكى بۇ مۇقەددەس ئوردا ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن ياسىلىدۇ. 1
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، ئالتۇن بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش، مىس بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا مىس، تۆمۈر بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا تۆمۈر، ياغاچ بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ياغاچ تەييارلاپ قويدۇم؛ يەنە ئاق ھېقىق، كۆزلۈك ياقۇت، رەڭلىك تاش ۋە ھەرخىل ئېسىل تاشلارنى، يەنە ناھايىتى كۆپ مەرمەرنى يىغىپ قويدۇم. 2
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيىدىن سۆيۈنىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىمنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا تەييارلىغان بارلىق نەرسىلەردىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ تەئەللۇقاتىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خۇدايىمنىڭ ئۆيىگە ئاتىدىم؛ 3
يەنى ئۆينىڭ تاملىرىنى قاپلاش ئۈچۈن ئوفىر ئالتۇنىدىن ئۈچ مىڭ تالانت، ساپ كۈمۈشتىن يەتتە مىڭ تالانت تەقدىم قىلدىم؛ 4
ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟». 5
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان غوجىدارلارمۇ بېغىشلاشقا كىرىشتى. 6
ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەش مىڭ تالانت ئالتۇن ۋە ئون مىڭ دارىك ئالتۇن، ئون مىڭ تالانت كۈمۈش، ئون سەككىز مىڭ تالانت مىس ۋە بىر يۈز مىڭ تالانت تۆمۈر تەقدىم قىلدى. 7
ياقۇتى بارلار ياقۇتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە، يەنى گەرشونىي يەھىيەلنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 8
خالايىق كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقلىرىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى؛ چۈنكى ئۇلار چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىشقانىدى. داۋۇتمۇ ئالامەت خۇش بولدى. 9
شۇڭا داۋۇت پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، بوۋىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھەمدۇساناغا لايىقسەن. 10
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرەپ، شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بار-يوقى سېنىڭكىدۇر؛ ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھلىق سېنىڭكىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئىدارە قىلغۇچىسەن. 11
دۆلەت بىلەن ئىززەت سېنىڭدىنلا كېلىدۇ، سەن ھەممىگە ھۆكۈمدارسەن. كۈچ بىلەن قۇدرەت سېنىڭ قولۇڭدا؛ ھەركىمنى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك قىلىش پەقەت قولۇڭدىندۇر. 12
ئەمدى، ئاھ خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئوقۇيمىز، شان-شەرەپلىك نامىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز! 13
مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكۈمىزدىن تەقدىم قىلالايدىغان بولغان مەن كىم ئىدىم، خەلقىم نېمە ئىدى؟ چۈنكى بارلىق نەرسە سەندىن كېلىدۇ، بىز پەقەت ئۆز قولۇڭدىن كەلگىنىدىن ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس! 14
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇقلار، بارلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مۇساپىرمىز، خالاس؛ يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىمىز گويا بىر سايە، ئۈمىدسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. 15
ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ يىغقان بۇ بايلىق-دۇنيانىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىن كەلگەن، ئەسلى سېنىڭكىدۇر. 16
ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم. 17
ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆز خەلقىڭنىڭ كۆڭلىدىكى بۇنداق ئوي-نىيەتنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلغايسەن، كۆڭلىنى ئۆزۈڭگە تارتقۇزغايسەن! 18
ئوغلۇم سۇلايمانغا سېنىڭ ئەمرلىرىڭ، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئادا قىلىپ، مەن ھازىرلاپ قويغانلىرىمنى ئىشلىتىپ ئوردىنى ياساشقا دۇرۇس بىر قەلب بەرگەيسەن». 19
داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى. 20
ئەتىسى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈردى؛ شۇ كۈنى ئۇلار مىڭ بۇقا، مىڭ قوچقار، مىڭ قوزىنى شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن ئىسرائىل ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. 21
ئۇلار شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئالامەت خۇشال بولۇپ غىزالاندى. ئۇلار داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى ئىككىنچى قېتىم پادىشاھ تىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شاھ بولۇشقا، زادوكنى كاھىن بولۇشقا مەسىھ قىلدى. 22
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پەرۋەردىگارغا تەۋە تەختكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى ۋە ئىنتايىن راۋاج تاپتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. 23
بارلىق ئەمەلدارلار، پالۋانلار ۋە شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى سۇلايمانغا بېقىنىپ بويسۇندى. 24
پەرۋەردىگار سۇلايماننى ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا ناھايىتى ئۇلۇغ قىلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شاھانە ھەيۋەت شۇنداق يۇقىرىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق ئىسرائىل پادىشاھلىرىدا ھېچ بولۇپ باققان ئەمەس. 25
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلغا شۇنداق پادىشاھ بولغانىدى. 26
ئۇنىڭ ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى جەمئىي قىرىق يىل بولدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 27
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر، دۆلەت-بايلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرۈپ، خېلى كۆپ ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتتى؛ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى. 28
پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىشلىرى، باشتىن ئاخىرىغىچە مانا ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىلنىڭ خاتىرىلىرى، ناتان پەيغەمبەرنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئالدىن كۆرگۈچى گادنىڭ خاتىرىلىرىدە پۈتۈلگەندۇر. 29
ئۇنىڭ سەلتەنىتى، كۆرسەتكەن كۈچ-قۇۋۋىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ، ئىسرائىل ۋە ھەرقايسى دۆلەت-مەملىكەتلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرمۇ شۇ خاتىرىلەردە پۈتۈلگەندۇر. 30

< تارىخ-تەزكىرە 1 29 >